تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟ يۈرەك بىئارام بولسا ئارام ئالسىلا بولىدۇ؟ يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك بۇ خاتا قاراشلارغا ئەمدى ئىشەنمەڭ

   يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان زور يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇ قىممەتلىك ھاياتنى تارتىۋېلىپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما، كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپچىلىكنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە يۈرەك كېسىلىگە بولغان تونۇشىدا يەنىلا بەزى خاتالىقلار مەۋجۇت. بۇ خاتا چۈشەنچىلەر كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشى، ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

   2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 11 - قېتىملىق «جۇڭگو يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى داۋالاش كۈنى»، بىز بۇ كۈندە كۆپچىلىككە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پىتنە - ئىغۋانى تەھلىل قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ۋە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرەيلى.

   ئارتېرىيەدە داغ پەيدا بولسا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يەپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

   ئارتېرىيەدە داغ پەيدا بولسا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يەپ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟

   ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەڭ. مەيلى تاجىسىمان ئارتېرىيە ياكى بويۇن ئارتېرىيە بولسۇن، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، داغ پەيدا بولۇش دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. داغ پەيدا بولسا دورا ئىچىپ داۋالاش كېرەكمۇ - يوق، بۇنىڭغا بىمارنىڭ قاندىكى ياغ، قان بېسىمى، قان شېكىرى ئەھۋالى ھەمدە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بار - يوقلۇقىغا ئاساسەن، كەسپىي دوختۇرلار ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن قانۇنسىز سودىگەرلەر داغنىڭ زىيىنىنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، ئۇنى قان تومۇر توسۇلۇپ قېلىش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەيدۇ، ئاندىن نۇرغۇن ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى، ھەتتا «ئۈچ يوق مەھسۇلات»نى ساتىدۇ. بۇ نەرسىلەر «داغنى يوقىتىش» رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى مەۋجۇت.

تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ قالغاندا پەقەت ئىككى پۇتنى ئېگىز كۆتۈرۈشكە تايىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك؟

   بۇنداق قىلماڭ. ئەگەر تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىپ ئاغرىقنىڭ يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ، ئېسىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنداقتا نەق مەيداندىكى كىشىلەر دەرھال 120گە تېلېفون قىلىش ھەمدە دەرھال يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك، پەقەت ئاغرىقنىڭ ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرگەندە سۈنئىي قان ئايلىنىش ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈشنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايلا قالماستىن، قىممەتلىك قۇتقۇزۇش ۋاقتىغىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر ئاغرىقتا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغالغان دەپ گۇمان قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا سېزىم بولسا، تۈز ياتقۇزۇپ، دەرھال 120گە تېلېفون قىلىپ ياردەم سوراش، ئىمكانقەدەر 120 مىنۇت ئىچىدە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىش كېرەك، مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان ئىككى 120. قىسقىسى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلسە چوقۇم دەرھال دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى، ئاتالمىش جىددىي قۇتقۇزۇش رېتسىپلىرىغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.

يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا يۆتەلگە تايىنىپ جاننى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

   بۇنداق قىلماڭ. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەر ياكى بەزى تاسادىپىيلىقلار يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى ۋە ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن توغرا پەرەز قىلىشى ناھايىتى تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوزغالغاندا ھەمىشە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىدۇ، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىشكە يېقىنلىشىدۇ، بۇ چاغدا ئەس - ھوشىنى يوقىتىشقا يېقىنلىشىدۇ، ئۇنداقتا يۆتەلنى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟ شۇڭا، «يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەندە كۈچەپ يۆتەلسە جاننى قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن قاراشنىڭ قىلچە ئىلمىيلىكى يوق. يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۆرسەتمىسىدىمۇ قاتتىق يۆتەلنى يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى قىلىش تەۋسىيە قىلىنمىغان، ھەتتا بەزى ئالىملار يۆتەل بىمارغا زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ياكى يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش ئالدىدا، نەق مەيداندا بولغانلار دەرھال 120گە تېلېفون قىلىشى كېرەك، ئەگەر يۈرەك سوقۇشى ياكى نەپەس توختاپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا، دەرھال يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

قەھۋە ئىچىش يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؟

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

   مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىش يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىچسە بەلكىم يۈرەك - قان تومۇر سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى يۇقىرى مىقداردىكى كوففېئىن يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نورمال كىشىلەر بىر قېتىمدىلا 400 مىللىگرامدىن ئارتۇق كوففېئىن قوبۇل قىلسا، بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان كوففېئىن مىقدارى 400 مىللىگرامدىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك. بىر كىشىلىك تېز ئېرىيدىغان قەھۋەنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدىكى كوففېئىننىڭ مىقدارى 70 ~ 50 مىللىگىرام بولىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى ئالتە ئۈلۈشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىر ئىستاكان قولدا دەملەنگەن قەھۋەنىڭ كوففېئىن مىقدارى تەخمىنەن 100 مىللىگرام، شۇڭا ھەر كۈنى 5 ~ 3 ئىستاكان ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

يۈرەك كېسىلى دېگەنلىك تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىمۇ؟

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

   ئۇنداق ئەمەس. يۈرەك كېسىلى يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى تومتاقلا «يۈرەك كېسىلى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ، مەسىلەن، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى يۈرەك كېسىلى دائىرىسىدە بولىدۇ. پەقەت تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى (تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن بولغان يۈرەك كېسىلى) يۈرەك كېسىلى ئومۇمىي قوزغىلىش سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن ئاغرىقلار بۇ ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى كېسەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەنە تۇراقلىق يۈرەك سانجىقى، تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەپ ئايرىلىدۇ. شۇڭا «يۈرەك كېسىلى» پەقەت بىر ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى بىۋاسىتە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.

يۈرەك بىئارام بولسا ئارام ئالسىلا بولىدۇ؟ دوختۇرغا كۆرۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق؟

   ھەرگىز بىخۇدلۇق قىلماڭ، يۈرەكنىڭ بىئارام بولۇشى سىگنال بولۇشى مۇمكىن. كۆپ ساندىكى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، بولۇپمۇ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى ئەگەر يۈرىكىنىڭ بىئارام بولغانلىقىنى بايقىغانلا بولسا شۇ ھامان تەكشۈرتۈپ، بالدۇر داۋالاتقاندا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ئاغرىقلاردا چارچاشتىن كېيىنكى يۈرەك سانجىقى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىك ئالامىتى يېنىك، داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ؛ بۇ ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ تۇراقسىز يۈرەك سانجىقى، ھەتتا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇپ قالغاندا، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەگەر بالدۇرراق ئەھمىيەت بەرسە، بۇ خىل يامانلىشىشنى كېچىكتۈرگىلى، ھەتتا ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   ئەڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلەيمىزكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئاقىۋىتى ئېغىر، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تەييارلىغان بۇ ماقالىمىز «بەختكە قارشى» سىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرمىغان بولسا، ئۇنداقتا سىز پەقەت «توردىكى پىتنە ـ ئىغۋالارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ، كېسەل قوزغىلىپ قالسا 120گە تېلېفون قىلىڭ» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئەستە تۇتۇۋېلىڭ.  

 سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە سۈرەت، كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

  ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە يېڭى تاراتقۇ ۋاسىتىسى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ۋاڭ چيەن، ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسى 3 - تېببىي مەركىزى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.