مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچ توپلاپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئېنېرگىيە قوشۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023-يىلى، شىنجاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 11 مىليارد 552 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرغان. R&D خىراجەت سېلىنمىسى سىجىللىقى %0.6كە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن 0.09 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛ R&D ئادەم سانى 61 مىڭ 700گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.3 ئاشقان.
2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
مۇھەررىر:
ھەلىمە قۇربان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2024/11/22 15:45
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.