11-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانىسىدا ئېچىلدى، يىغىندا، 2023-يىللىق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى، ئىككى نەپەر ئالىم شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 118 تۈرلۈك نەتىجە شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2023-يىللىق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىڭتۇەننىڭ 47 تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىسى شەرەپ بىلەن بىڭتۇەننىڭ 2023-يىللىق پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېر تاڭ يۇڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پەن شىليې شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۈچ چوڭ مۇكاپات بويىچە جەمئىي 118 تۈر باھالاپ چىقىلدى، بۇ، تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتىدىن 12 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالتە تۈر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات تۆت تۈر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر؛ تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى تۆت تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر؛ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى 102 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 33 تۈر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 35 تۈر، 3- دەرىجىلىك مۇكاپات 34 تۈر.
بىڭتۇەن پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى 11 تۈرلۈك تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر تۈر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات سەككىز تۈر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر؛ تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى تۆت تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى تۈر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر تۈر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر تۈر؛ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى 32 تۈر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپات يەتتە تۈر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپات 15 تۈر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات 10 تۈر.
8-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 300دىن كۆپ ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس ساۋەن شەھىرىنىڭ كوناساۋەن بازىرى شيېدى كەنتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز يېڭى سورتى خۇاميەن 702 ۋە ئاقىل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىقىغا كېلىپ نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى (ماتېرىيال سۈرەت) ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن فوتوسى
بۇ يىلقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەر ئىچىدە، كارخانىلار باشلامچى بولغان ياكى قاتناشقان تۈر 59غا يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %50ىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مەسىلەن، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ سەككىز تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ھالقىما ئېشىشىنى، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت-تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش-ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېزلىتىشنى پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
118 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجە ئىچىدە، تەبىئىي پەنلەر مۇكاپاتى 12 تۈر بولۇپ، %10نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئاشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى