تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

12-ئاينىڭ 20-كۈنى تىجارەت باشلاپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ! ئۈرۈمچى قار-مۇز چوڭ سارىيى سىزنىڭ كېلىپ تاماشا قىلىشىڭىنى كۈتمەكتە

11-ئاينىڭ 20-كۈنى

شىمىگۇ رايونى بەرپا قىلغان

«ئۈرۈمچىنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز چوڭ سارىيى» تۈرى

رەسمىي باشلاندى

مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ساياھەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن

بۇ، ئۈرۈمچى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلغان

ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قار-مۇز تۈرى ھېسابلىنىدىكەن

ئۈرۈمچى قار-مۇز چوڭ سارىيى تۈرى

   ئۈرۈمچى قار-مۇز چوڭ سارىيى تۈرى شىمىگۇ رايونى يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1191 موغا يېتىدۇ. «بىر ئوق، ئىككى مەركەز، ئۈچ بۆلەك، ئون رايون» يىرىك پىلان ئىدىيەسى بويىچە، قار-مۇز ئويمىچىلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى، ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ-ئادەت ئويۇنى، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار بايرىمى، قار-مۇز مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى، ھەمتۈرتكىلىك كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

    خۇاتىڭ پاي كونترول گۇرۇھىنىڭ لىدىرى لاۋ تۇڭسى مۇنداق دېدى: «ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا مۇز ئويما پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك مەنزىرىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى بولۇپ، نياۋچاۋنىڭ ئىچكىدىكى مۇز ئويمىنى لايىھەلىگەن لايىھەلەش ئەترىتىنى بىز بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا مەخسۇس تەكلىپ قىلدۇق، بۇ يىل 100دىن ئارتۇق مۇز ئويما، قار ئويما ئەسىرى بار، 400 مېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتىكى تېيىلىش يولى بۇ تۈرنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە

بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا

شىمىگۇ رايونى بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ

مەدەنىيەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

13 جايدىكى قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قار-مۇزنى ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن

   شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى لى ۋېنۋۇ مۇنداق دېدى: «بۇ، بىز تۇنجى قېتىم بەرپا قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك قار-مۇز تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت، خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتكە، قار-مۇز ئارقىلىق ساياھەتكە، تەنتەربىيە ئارقىلىق ساياھەتكە تۈرتكە بولۇپ، قار-مۇز بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرىمىز».

بۇ قىشتا

 ئۈرۈمچى

پۈتۈن دۇنيادىكى دوستلارنى

قار-مۇزدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.