تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىرلا ۋاقىتتا 28 ئاپتوموبىلغا توك قاچىلىغىلى بولىدۇ! شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى توك قاچىلاش پونكىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

    11-ئاينىڭ 19-كۈنى، دى دى ئاپتوموبىلى شوپۇرى جاۋ ئۇستام ئىككى يولۇچىنى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ تىياتىرخانىغا جايلاشقان توك قاچىلاش پونكىتىدا ئاپتوموبىلىغا توك قاچىلىدى، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە توك قاچىلىنىپ بولدى.

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى سانجى شۆبە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا مەبلەغ سېلىپ قۇرغان توك قاچىلاش ئەسلىھەسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ئىختىيارىي مۇخبىر رېن جىجيەن فوتوسى

   شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسى ئۈرۈمچى-سانجى كېسىشكەن جايدىكى تۇنخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان كىنو-تىياتىرخانا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئىچىدە 358 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان، ئوتتۇرىچە ئاپتوموبىل توختىتىش مىقدارى كۈنىگە 800-700گە يېتىدۇ، ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى 1000غا يېقىن ئاپتوموبىل توختىيالايدۇ.

   جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتى سانجى شۆبە شىركىتى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېقىم مىقدارىنى چىڭ كۆزلەپ، رەسمىيەت بېجىرىشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە توك قاچىلاشتىن ئىبارەت «بىر تور» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، 4 مىليون 480 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە بېزەش، رەڭ بېرىش، يورۇتۇشنى چوڭ تىياتىرخانىغا ماسلاشتۇرۇپ، 28 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا توك قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.