تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭ «دۆلەت يېتىشتۈرۈش پىلانى 2024» ناھىيە دەرىجىلىك تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشتى

  ​ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى خەۋەر قىلىدۇ) 10 كۈن داۋاملاشقان شىنجاڭ «دۆلەت يېتىشتۈرۈش پىلانى 2024» ناھىيە دەرىجىلىك تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشتى.

  بۇ تەربىيەلەش پائالىيىتىنى شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى) ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدىرى، تايانچ ئوقۇتقۇچى قاتناشتى. تەربىيەلەش مەزمۇنى باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسى، يەسلى مائارىپى، باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش، پۇتبول ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا.

نەفىسە ئابدۇمۆمىن فوتوسى

ئوقۇتقۇچىلار ئاكتىپ پسىخىكا سىنىپىدا دەرس ئاڭلىماقتا.

ما سىچى فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.