ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بېجىرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن. 10ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار 22 مىليون 664 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.24 ئاشقان، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى