تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ۋېلىسىپىت چاقىدىكى دەۋر ئۆزگىرىشى

   ۋاڭ يۈلېي

   بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلسەم، بالام بۈگۈن كۇرۇژۇكقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز بىللە ۋېلىسىپىت مىنىپ بارماقچى بولدۇق. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، بىز كىيىم ئالماشتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. بالام ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىچىك ۋېلىسىپىتىنى مىنىپ ئالدىدا ماڭدى، مەن چوڭراق ۋېلىسىپىتنى مىنىپ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم، ئالدى- كەينى بولۇپ كەڭ، پاكىز يولدا ئاستا ماڭدۇق. نەچچە مىنۇتتا بىر، مەن بالامغا بىر چەتتە مېڭىشنى، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇردۇم. مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن بالامنى ماختاپ، ئۇنىڭ مەنزىلگە ۋاقتىدا يېتىپ بارغانلىقىنى ماختىدىم، بەش ياشلىق بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن يولنى 12 مىنۇت ۋاقىتتا مېڭىپ بولۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى، خۇددى «يول يىراق بولسىمۇ ماڭسىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ئىش قىيىن بولسىمۇ قىلسىلا چوقۇم ۋۇجۇدقا چىقىدۇ!» دېگەندەك ئىدى.

   بۇ مەنزىرە ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا ۋېلىسىپىت مىنگەن ئەھۋالنى ئەسلەتتى. يەتتە- سەككىز ياش ۋاقتىمدا، مەن ۋېلىسىپىت مىنىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، بىر توپ كىچىك دوستلار بىلەن يىقىلىپ يۈرۈپ كەنتتىكى خاماندا مەشىق قىلاتتۇق. ئەينى چاغدا ۋېلىسىپىتنىڭ تۈز روللۇقىمۇ، ئەگرى روللۇقىمۇ بار ئىدى، ۋېلىسىپىت بىزدىن ئېگىز ئىدى، بىز جان تىكىپ مەشىق قىلاتتۇق. بىر ھەپتە «جاپالىق مەشىق» ئارقىلىق، بىزنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىش تېخنىكىمىز ئاخىرى ئىلگىرىلىدى، ئەڭ دەسلەپكى ۋېلىسىپىتنى يۆلەپ مېڭىشتىن بىر پۇتىمىز بىلەن تەپكىنى تېپىپ، يەنە بىر پۇتىمىز بىلەن يەرگە دەسسەپ مېڭىشقا ئۆتتۇق، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ۋېلىسىپىتنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، يېزىدىكى چىغىر يولدا ئۇچقاندەك چاپىدىغان بولۇپ كەتتۇق، قەلبىمىزدىكى شادلىق گەپ- سۆزىمىز ۋە چېھرىمىزدىن جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندىن كېيىن، مەن دوستلىرىم بىلەن ۋېلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا بازىرىمىزدا پەقەت ئىككىلا تاشيول بار ئىدى، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى توپا يول ئىدى. ئۇ چاغدا بىز بولۇپمۇ مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشكە شۇنچىلىق تەلمۈرەتتۇق، چۈنكى ۋېلىسىپىتنى ئۇچقاندەك مىنەلەيتتۇق. قۇلاق تۈۋىمدە شامال غۇيۇلدايتتى، ياپيېشىل ئوت- چۆپلەرنىڭ پۇرىقى بىلەن ھەر خىل گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى قاپلاپ كەتكەن ھاۋاغا غەرق بولۇپ، بۇ ھۇزۇردىن يۈرىكىم يېرىلايلا دەپ قالاتتى.

   بىلىپ- بىلمەي، بىز چوڭ بولدۇق. ھازىرقى بالىلار مەكتەپكە بېرىپ- كېلىشتە مەكتەپ ئاپتوموبىلىدا ماڭىدۇ ياكى ئاتا- ئانىلار ئاپتوموبىلدا توشۇيدۇ، لېكىن قاتناش شەكلىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋېلىسىپىتنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمىدى، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل بارلىققا كەلدى.

   ئىلگىرى ۋېلىسىپىت توپىلىق يولدا ماڭاتتى، ھازىر ۋېلىسىپىت مەخسۇس ۋېلىسىپىت يولىدا، باغچىدا، تاغلىقتا ماڭىدۇ ... ھەپتە ئاخىرىدا، ئائىلىدىكىلەر ۋېلىسىپىت مىنىپ دېڭىز بويىدا ئاستا مېڭىپ، كۈلكە- چاقچاق قىلىشىپ يۈرەلەيدۇ؛ بالىلار ئولتۇراق رايوندىكى ئارام ئېلىش ئورنىدا بىرلىكتە تەڭپۇڭ ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرالايدۇ؛ ھاياتىي كۈچكە تولغان ياشلار تاغلىق يەر ۋېلىسىپىتى رىقابىتىدە ياشلىق باھارىنى خالىغانچە نامايان قىلالايدۇ...

   ۋېلىسىپىت دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدەك تارىخقا گۇۋاھچى بولماقتا، ئۇ يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان قاتناش قورالى بولۇپلا قالماي، يەنە ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، ئەسلىگە قايتىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن. مېنىڭچە، كەلگۈسىدە ۋېلىسىپىت ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، بىزنى ئىللىتىدۇ.

   ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەندۇڭ چىڭداۋ شىخەيئەن يېڭى رايونى لاڭيا باشلانغۇچ مەكتىپى

   پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.