نۆۋەتتە نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بالىسىنى بارغانسېرى نەپەس يولى كېسەللىكىگە ئوڭايلا گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ؟ قىش، ئەتىياز پەسلىدە قانداق قىلغاندا «ياشانغانلار ۋە بالىلار»نىڭ نەپەس يولى ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ؟ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ئىدارىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ قىزىق نۇقتىلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن جاۋاب بەرگۈزدى.
جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى نۇقتىلىق كۆزىتىش نۇقتىسى كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش- داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ
جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى پېڭ جىبىن مۇنداق دېدى:
قىش، ئەتىياز پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، نەپەس يولى بىرلەشمە ھۈجەيرە ۋىرۇسى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان 15 خىل نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچىسىغا قارىتىلغان جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى نۇقتىلىق كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى ۋە كېسەللىك مەنبەسى ئىسپېكتىرى قۇرۇلمىسىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، كىلىنىكىلىق قۇتقۇزۇش- داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىلقى 44- ھەپتىدىكى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، نۇقتىلىق كۆزىتىش دوختۇرخانىسىدىكى 14 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بالىلارغا ئامبۇلاتورىيە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە دىياگنوز قويۇلغان تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك سانى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان كېسەللىك سانىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، نۆۋەتتە بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلاردا دائىم تەكشۈرۈپ چىقىلغان نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى ۋە بۇرۇن ۋىرۇسىدىن ئىبارەت بولغان.
نۆۋەتتە، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسىنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۆلكىلەر ئاساسلىقى شىمالدىكى ئۆلكىلەر بولۇپ، جەنۇبتىكى كۆپ ساندىكى ئۆلكىنىڭ مۇسبەتلىك نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن. تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋە نەپەس يولى بىرلەشمە ھۈجەيرە ۋىرۇسىنىڭ ھەرىكىتىمۇ نۆۋەتتە بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە ئىكەن.
لېكىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشى، قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىلەن يۇقۇملىنىش، نەپەس يولى بىرىكمە ھۈجەيرە ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆرلەش خەۋپى كۆرۈلىدۇ، بەلكىم كۆپ خىل نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى گىرەلىشىپ كېتىش ياكى بىرلىكتە تارقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن.
كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تارماقلىرى جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دائىملىق يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىدۇ.
كۆپ خىل ئامىل ئۈستىلىنىپ بالىلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
پايتەخت بالىلار كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى قارمىقىدىكى بالىلار دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يۈ لېي مۇنداق دېدى:
قىش، ئەتىياز پەسلىدە بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە ئوڭاي گىرىپتار بولۇشىنى كۆپ خىل ئامىل گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، ئۇلار ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىغاندا، بەدىنىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. سىرتنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولسا، بالىلارنىڭ سىرتتىكى پائالىيىتى ئازىيىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىش، ئەتىياز پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، نەپەس يولىنىڭ نەملىك ساقلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈچۈن ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئۇزاق ۋاقىت چىڭ يېپىپ قويغاچقا، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى تۆۋەنلەپ، نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بىر قىسىم بالىلاردا يەنە سوغۇق ھاۋانىڭ غىدىقلىشى بىلەن نەپەس يولى يۇقىرى رېئاكسىيەسى كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئامىللار ئۆزئارا قوشۇلۇپ، بالىلارنىڭ نەپەس يولىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۆپكە ياللۇغى مىكوپلازمىسى بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولىدىكى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدىغان، يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ يۇقتۇرۇۋالىدىغان يۇقۇش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر مىكوپلازمىغا قارشى كۆپ خىل دورا كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش ئۈنۈمى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ئائىلە باشلىقلىرى بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ساقايماسلىق ياكى بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئائىلە باشلىقى بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىشى ھەم باھالىتىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىشى، ئۆيدە ئۆز ئالدىغا قارىغۇلارچە دورا ئىچكۈزۈپ، بالىنىڭ كېسەدىن ساقىيىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
«ياشانغانلار ۋە بالىلار»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى مۇداپىئە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاكسىنا ئەملەشنى كۈچەيتىش كېرەك
يۈ لېي مۇنداق دېدى: «ياشانغانلار ۋە بالىلار»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق كىشىلەر توپى تۆۋەندىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، بۇ ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، مەسىلەن، قولنى پات- پات يۇيۇش، يۆتەلگەندە ياكى چۈشكۈرگەندە ئېغىز- بۇرۇننى توسۇۋېلىش؛ بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىپ، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ كېسەللىك كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىلدە ئامال بار ئادەم كۆپ ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىش، بولۇپمۇ ھاۋا ئۆتۈشۈشى راۋان بولمىغان، ئۆي ئىچى ھىم ئېتىلگەن سورۇنلارغا ئاز بېرىش؛ نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتىش، ئۇچراشقاندا شەخسىي مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش؛ مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.
پېڭ جىبىن مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئائىلە باشلىقلىرى تۆۋەندىكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ، مەسىلەن، قەرەللىك ھالدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ئاشۇرۇش، بالىلارنى ئادەم كۆپ سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلار.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالىلار، ئاساسىي كېسەللىكى بار ئاغرىقلار، ياشانغانلار قاتارلىق خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەشنى كۈچەيتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى ئاغرىقلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ، داۋالاپ، ئىمكانقەدەر كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ھەم ئۆلۈپ كېتىشتەك ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى