11-ئاينىڭ 20-كۈنى، شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى راست نام تۈزۈمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش سىياسىتىنىڭ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
يېڭى سىياسەت كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر ساياھەتچى چوقۇم ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئىناۋەتلىك كىملىكى بىلەن شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى سېتىۋېلىشى، شۇنداقلا باغچىغا كىرگەن شۇ كۈندە ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئىناۋەتلىك كىملىكى بىلەن بىر بېلەت سېتىۋېلىشى، بېلەت سېتىۋېلىشتىن باغچىغا كىرىشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا «بىر ئادەم، بىر كىملىك، بىر بېلەت» بولۇشقا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
بۇ راست نام تۈزۈمى بىلەن بېلەت سېتىۋېلىش يېڭى سىياسىتى ئوخشاشلا يىللىق كارتا سېتىۋېلىشقا قوللىنىلىدۇ، يەنى يىللىق كارتا سېتىۋالغان ساياھەتچىلەرمۇ چوقۇم «بىر ئادەم، بىر كىملىك، بىر بېلەت» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
بېلەت سېتىۋالغاندا، ھەر بىر ساياھەتچى چوقۇم ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئىناۋەتلىك كىملىك نومۇرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىغا كىرگەندە، ھەر بىر ساياھەتچى بېلەت سېتىۋالغاندا ئىشلەتكەن ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتقان ئىناۋەتلىك كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.
راست نام تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شاڭخەي دېسنىي شادلىق باغچىسىمۇ بالىلار بېلىتىنىڭ ئۆلچىمىنى تەڭشىدى، يەنى پەقەت ياشنىلا بېلەت سېتىۋېلىش ئۆلچىمى قىلدى. باغچىغا كىرگەن شۇ كۈندە يېشى ئۈچ ياشتىن (ئۈچ ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 11 ياشقىچە (11 ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان بالىلارغا بالىلار بېلىتى سېتىۋېلىش كېرەك، باغچىغا كىرگەن شۇ كۈندە يېشى ئۈچ ياشقا توشمىغان بالىلار باغچىغا بېلەتسىز كىرسە بولىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى