تېلېۋىزوردىكى «قاتمۇقات» ھەق ئېلىش ۋە مەشغۇلات مۇرەككەپ بولۇشنى تۈزەش خىزمىتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزور مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇشنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، تۈزەش ئۈنۈمىنى باھالاپ رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ.
جەمئىيەت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزور مەشغۇلاتىدا مۇرەككەپ بولۇشنى تۈزەش نەتىجە- ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى «مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزور مۇلازىمىتىنى ئەرز قىلىش سۇپىسى» تەسىس قىلدى، ئابۇنىچىلار دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ «ئەرز قوبۇل قىلىش» سەھىپىسى ھەم جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى تور بېكىتىنىڭ «ئەرز قىلىمەن \ مەسلىھەت سورايمەن» سەھىپىسى ئارقىلىق توردىكى ئەرز قىلىش كۆزنىكىگە كىرەلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئابۇنىچىلار يەنە 86091111- 010غا تېلېفون بېرىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ، سائەت 8:30دىن 20:00گىچە خىزمەتچى خادىملار تېلېفون قوبۇل قىلىدۇ، باشقا ۋاقىتتا تېلېفوندا سۆز قالدۇرۇلسا بولىدۇ. بىز سىز ئىنكاس قىلغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىمىز ھەم ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرىمىز.
سىزنىڭ بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە ۋە قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.
پايدىلانغان مەنبە: دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تور بېكىتى