تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سەنياغا يېتىپ باردى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىگە يېتىپ باردى، 10 ماھارەت مۇسابىقىسى ۋە ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە قاتنىشىدۇ.

    12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، 18 ماھارەت مۇسابىقىسى تۈرى ۋە ئۈچ تۈرلۈك ئويۇن كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشلىنىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش، مەشئەل يەتكۈزۈش، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىنى مۇكاپاتلاش كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە چامباشچىلىق، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى، تاختا ئاياغ بىلەن تېز سۈرئەتتە مېڭىش، مەرۋايىت توپ قاتارلىق يەتتە مۇسابىقە تۈرى ۋە مەررە توپ، دارۋازلىق، ساغاردى قاتارلىق ئۈچ ئويۇن تۈرىگە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاختا ئاياغ بىلەن تېز سۈرئەتتە مېڭىش ۋە مەرۋايىت توپ مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. ۋەكىللەر ئۆمىكىدە جەمئىي 208 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 123، تىرېنېر 10، يېتەكچى 10، سېنارىست ۋە رېژىسسور ئىككى، تۇەن ئىشتابتىن 25، ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئويۇن قويغۇچى 38.     

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنياغا يېتىپ بېرىپ، ئايرودۇرۇمدا كىنىشكىلىرىنى ئالماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ فوتوسى 

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنياغا يېتىپ بېرىپ، ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مېھمانخانىغا ماڭماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.