يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرىنىڭ 12-تۇەن تانەن بازىرى 15-ليەنى ئەتراپىدىكى قۇملۇق چۆل-جەزىرىدە، دىيامېتىرى تەخمىنەن 2.2 مېتىر، دەرەخ غولى ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 6.8 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور بىر تۈپ توغراق بايقالدى. 12-تۇەن تانەن بازىرى 15-ليەندىكى جاڭ كۇنپېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «چارلاش جەريانىدا بۇ توغراقنى تاسادىپىي بايقاپ قالدۇق، ئالتە-يەتتە ئادەم قول تۇتۇشقاندىلا ئاندىن ئۇنى ئاران ئورىغىلى بولىدىكەن».
«سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ توغراقنىڭ ئۆمرى 100 يىلدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن، يىلتىز غولى 20 مېتىر دائىرىگە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراققا تارقالغان.» 12-تۇەن تانەن بازىرى يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق، ئوتلاق مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى جاۋ يۈەنيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ غايەت زور توغراقنىڭ بايقىلىشى قۇملۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى