ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشغا ئەگىشىپ، كىشىنى تەقەززا قىلىدىغان قىشلىق تەتىلمۇ بارغانسېرى يېقىنلاشتى. مەكتەپ كالېندارىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىشنى باشلايدىكەن، 2ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش باشلايدىكەن، قىشلىق تەتىل ۋاقتى 35 كۈندىن 49 كۈنگىچە بولىدىكەن.
شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 2024-2025-ئوقۇش يىلىدىكى قىشلىق تەتىل ۋاقتى (بىردەك 2025-يىل ۋاقتى).
ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى قىشلىق تەتىلگە ئەڭ بالدۇر قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ 6-كۈنى تەتىل باشلىنىدىكەن. شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئوقۇغۇچىلارنى قىشلىق تەتىلگە ئەڭ كېيىن قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تەتىلگە چىقىدىكەن، بۇ ئىككى مەكتەپنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتىمۇ ئەڭ قىسقا بولۇپ، ھەر ئىككىلا مەكتەپ 35 كۈن ئەتراپىدا تەتىل قىلىدىكەن. قىشلىق تەتىل ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغىنى شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى بىلەن جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئوقۇغۇچىلارنى 49 كۈن تەتىلگە قويۇپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى شۇ جايدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2024 ـ 2025-يىللىق مەكتەپ كالېندارىنى ئېلان قىلدى. مەكتەپ كالىندارىغا ئاساسلانغاندا، سانجى ئوبلاستىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن قىشلىق تەتىلگە چىقىپ، 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوقۇش باشلايدىكەن؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇرۇن قىشلىق تەتىلگە چىقىپ، 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئوقۇش باشلايدىكەن. قاراماي شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىل قىلىدىكەن، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىل قىلىدىكەن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى