مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ 1-كۆۋرۈكتىن 2-كۆۋرۈككىچە بولغان رايوندىكى يولدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىپ، ساياھەتچىلەر ئېقىمى جەلپ قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەنزىرە رايونى ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلىدىكەن.
ئىلى دەرياسى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان كۆلىمى 40.75 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يادرولۇق پىلانلانغان تەرەققىيات رايونى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى 1-كۆۋرۈكتىن 2-كۆۋرۈككىچە بولغان تەخمىنەن 3 كىۋادرات كىلومېتىر رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1-كۆۋرۈكتىن 3-كۆۋرۈككىچە بولغان يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 18.4 كىلومېتىر كېلىدۇ. نۆۋەتتە قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ.
(غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ياڭ شيەنپىڭ، گاۋ خۇڭيې)