يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە «تۆت ئەڭ قاتتىق»بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نىشانلىقلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، 2025-يىللىق شىنجاڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، كۈزىتىپ ئۆلچەش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىيەتتىن ئاشكارا تەكلىپ ئالىدۇ، كەڭ ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك كارخانىلىرى، يېمەكلىك تۈرى، تۈر، مەيدان-سورۇن، ساقلانغان يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر، شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس يېمەكلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ بېرىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىدۇ، ئالاقىدار تەكلىپلەر «2025-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەكلىپ جەدۋىلى»، «2025-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش پىلانى تۈرى، تۈر تەكلىپ جەدۋىلى»(قوشۇمچە ھۆججەتكە قاراڭ) بويىچە تولدۇرۇلىدۇ ھەمدە 2024-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 19:00دىن بۇرۇن ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمسى(پوچتا ساندۇقى:diyanjie @xjaic.gov.cn) ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ يېمەكلىكلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت!
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى<بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى>» تور بېكىتىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى