تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى

يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى! چىڭگىل لاڭشەن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا 11-ئاينىڭ 23-كۈنى قار تېيىلىش باشلىنىدۇ

   چىڭگىل لاڭشەن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، چىڭگىل لاڭشەن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي قار تېيىلىش باشلىنىدىكەن. 

   يېڭى قار پەسلىدە، چىڭگىل لاڭشەن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك قار تېيىلىش يولىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت مەركىزىدە ئىككى تىجارەت ئورنى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، جەمئىي ئون تىجارەت ئورنىدا بىرلا ۋاقىتتا مىڭ ئادەم غىزالىنالايدۇ؛ چىڭگىل ناھىيە بازىرىدىن قار تېيىلىش مەيدانىغا بارىدىغان ئىككى ئاپتوبۇس لىنىيەسى تەسىس قىلىندى، بېلەت باھاسى بەش يۈەن؛ ئەتراپتا يېڭىدىن بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا كۆپەيتىلدى. 

(چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى جىن چېنرۇي، جاڭ چى، ئېرجان

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.