تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېچىلىك قار تېيلىش باشلاندى! ئالتايدا ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ يەنە «قار تېيىلىش خۇمارى» نى باسقىلى بولىدۇ

   «ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ، كۆڭۈللۈك قار تېيىلىۋالىمەن، بۇ نېمە دېگەن بەخت-ھە!» 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا تېيلىش ئىستىراھەت رايونى كېچىدە قار تېيىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، نۇرغۇن قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كېچىدىكى قار تېيىلىش سەيلىسىنى باشلىدى. 

11-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى كېچىدە قار تېيىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. دۇڭ شىجۈ فوتوسى 

   كۈندۈزدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، كېچىدە قار تېيىلىشمۇ قار تېيىلىش مەيدانىغا تېخىمۇ كۆپ تەلەپلەرنى قويدى. جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى زالىنىڭ دىرېكتورى گۇەن كېشىن مۇنداق دېدى: كېچىدە قار تېيىلىشتا جىنگۇاڭ يولى، كەيشۈەن يولى، ياڭگۇاڭ يولىدىن ئىبارەت ئۈچ قار يولى ئېچىۋېتىلدى، چىراغ نۇرى ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە، قار تېيىلىش مەيدانى يېتەرلىك تەييارلىق قىلدى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، قار تېيلىش مەيدانىنى ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن، قار تېيىلىش مەيدانى قار يولىنى قايتىدىن رەتلىدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىپ، قار تېيىلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.