تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى پات ئارىدا ئۈرۈمچىدىن تبىلىسقا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

  جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۈرۈمچى-تبىلىس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئاچىدىكەن.

  بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى CA781/2 بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنى قاتنايدۇ، بوئېن B737 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە ئۈرۈمچىدىن سائەت 21دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە تبىلىسقا يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە ۋاقتى تەخمىنەن 5 سائەت 20 مىنۇت؛ قايتىش مۇساپىسىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە تبىلىستىن ئۇچۇپ، سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ، ئومۇمىي مۇساپە ۋاقتى تەخمىنەن 4 سائەت 40 مىنۇت.

 

يۇقىرىقى ۋاقىتنىڭ ھەممىسى شۇ جاي ۋاقتى، كونكرېت ئەھۋالدا ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. سۈرەت: جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىنغان

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.