تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يەكەن ناھىيەسىدە تۇنجى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەدەنىيەت كوچىسى بارلىققا كەلدى، كېلىپ داكا قىلىڭ

     مەنبە: يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

   11-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، يەكەن ناھىيەسىدە تۇنجى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەدەنىيەت كوچىسى بارلىققا كەلدى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش چىراغلىرى شەھەر غەربىي كوچىسىدىكى ئىسلاھات يولى كوچىسىنى خۇددى خىياللاردىكىدەك بېزەپ، نۇرلۇق يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كوچىنى يورۇتتى. بۇ چىراغلار ھەم شەھەرنىڭ كېچە مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشتى، ھەم قانۇن بىلىملىرىنى ئاھالىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق، ئوبرازلىق نامايان قىلدى، ئاھالىلەر مەنزىرە تاماشا قىلغاندا قانۇننى ئاسانلا ئۆگىنەلەيدۇ، بۇ، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققاندەك ئىش. 

    يەكەن ناھىيەسى ئاھالىسى ئابدۇسەمەت ئەخەت مۇنداق دېدى: «مەن ئىشتىن چۈشۈپ تاماق يەپ بولۇپ سىرتقا چىقىشىمغا، كوچىدىكى چىراغ نۇرى مېنى جەلپ قىلدى، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنىڭ نامايان قىلىنغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. بۇ خىل قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلى ئىجادىي بوپتۇ، چىراغ نۇرى كوچىلارنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپتۇ، بىز ماڭغاچ كۆرۈپ قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەندۇق، بۇ، پۇقرالارغا بەك ئەسقاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». 

     ئىگىلىنىشىچە، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى توردا ئالقىشلانغان بۇ يورۇتۇش چىراقلىرىنى يەكەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلىگەن بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، باغچە، مەيدان، پىيادىلەر كوچىسى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن. بۇ خىل يېڭىچە، قىزىقارلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئاھالىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا شەھەرنىڭ كېچىسىگە ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ قوشتى. 

    يەكەن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى شەھەر غەربىي كوچىسى ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى چېن يەنيەن مۇنداق دېدى: «بىز قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش لوزۇنكىلىرىنى چىراغ لايىھەسىگە ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈپ، چىراغ نۇرىنىڭ چاقناپ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن ئاساسىي بىلىملىرىنى جانلىق نامايان قىلىپ، قۇرۇق قانۇن شوئارلىرىنى جانلىقلاشتۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈپ چۈشىنىشىگە قولايلىق ياراتتۇق. ھەر بىر چىراغ خۇددى ئاۋازسىز قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتچىسىغا ئوخشاش، قانۇن نۇرىنى شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چاچتى. بۇ خىل يېڭى، قىزىقارلىق ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاھالىلەر كېچىلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانغاندا قانۇن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ». 

    قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىدىكى توردا ئالقىشلانغان چىراغلارنىڭ ئورنىتىلىشى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە شەھەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسى ۋە ئوبرازىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاھالىلەر كېچىدە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش چىرىغىنى چۆرىدەپ قانۇن ھەققىدە پاراڭلىشىپ، قانۇن ئۆگەندى، قانۇن ئېڭى كىشىلەر قەلبىگە سىڭىپ، يەكەن ناھىيەسىنى مەدەنىي، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ماكانغا ئايلاندۇردى. 

(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئەكبەر ئەلى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.