تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​سىچۇەنلىك مېھمانلار «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش» قار - مۇز ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى

2024 - يىللىق شىنجاڭ قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيىتى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى​

سىچۇەنلىك مېھمانلار «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش» قار - مۇز ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى

ساۋما قىلىپ سىننى كۆرۈڭ

شىنجاڭ گېزىتى، چېڭدۇ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: «ياڭرىدىمۇ ئالتە شوئار كوچىسىدىن يەنە بايان كۈيى، پىشقانمىدۇ ئالېكساندرا بولكىخانىسىنىڭ مەززىلىك بولكىسى...» بۇ يالغۇز كىشىلىك ناخشا، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئورتاق ساداسى، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى لۇڭخۇ گۇرۇھىنىڭ چېڭدۇ بىنجياڭدىكى تيەنجيې مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە قويۇق شىنجاڭ پۇرىقىغا ئىگە «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنى ئېيتقاندا، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر جور بولۇپ ئېيتىپ، «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش» 2024 - يىللىق شىنجاڭ قىشلىق مەدەنىيەت - ساياھەتنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنىڭ چېڭدۇ بېكىتى نەق مەيدانىنى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈردى.

بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى ھەم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ يېپيېڭى قىشلىق ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى، قىشلىق ساياھەت ئىستېمال سىياسەتلىرىنى نامايان قىلىپ، سىچۇەنلىك ساياھەتچىلەرنى بىر مەيدان «شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش» ساياھىتىگە بېرىشقا تەكلىپ قىلدى.

داخەيداۋدىن توغراقلىققىچە، تۆمۈر چوققىسىدىن تىيانشان بوغدا كۆلىگىچە، باغراش كۆلىدىن قاناسقىچە، قىزىل مىڭئۆيدىن يوتقان قەدىمىي شەھىرىگىچە، بۇيلۇقتىن يالقۇنتاغقىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تونۇشتۇرۇشىدا، سىچۇەنلىك ساياھەتچىلەر ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى، مول، ئىنچىكىلەپ تەييارلانغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە «يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» جەھەتتىكى ئېتىبارلىرىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ئىگىلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت، خەلق ئۆرپ - ئادىتى ساياھىتى، چېگرا ساياھىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ساياھىتى، ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قاتارلىقلارغا تولىمۇ تەلپۈندى، سىچۇەندىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپى بۇ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىستىقبالى ياخشى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجى كۆپ دەپ قاراپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ تۈر ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن سىچۇەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، سىچۇەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى زوۋ جيەن مۇنداق قارىدى: ھەر ئىككى جايدا مول ھەم ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقى بار، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقى جەھەتتە زىچ تۇتىشىشى ھەم بىر - بىرىنى تولۇقلىشىدىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت، بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ بىلەن سىچۇەندىكى مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسىنىڭ ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

18 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى مۇشۇ ئايدا باشلىنىدۇ، قار تېيىلىش، قار ئويناش، قاردىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆز ئاپتوموبىل، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، تەتقىق قىلىش - ئۆگىنىش، ئېسىل تائاملارنى تېتىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان، ئۇنىۋېرسال قار - مۇز ساياھىتى ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسى 15 سەرخىل لىنىيە تەسىس قىلدى.

«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، مىڭ كۆرگەندىن ھېس قىلغان ئەلا. بىز شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى داۋاملىق ياخشى قېزىپ، ياخشى نامايان قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىك كاپالىتى ھەم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە چىقىم قىلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجادىي لايىھەلەپ، مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ساياھەتچى تەلپۈنىدىغان ھەربىر ساياھەت مەنزىلگاھىدا كۆپچىلىكنى ئەھمىيەتلىك سەپەر تەسىراتىغا ئىگە قىلىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ جيې.

شۇ كۈنى يەنە 2024 - يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى(چېڭدۇ بېكىتى) ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خوتەن يۈدۇ مەدەنىيەت - ساياھەت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شياۋياۋ جياچى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيچېڭ زەيشيەن خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن سىچۇەندىكى تۆت مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىسى ئايرىم - ئايرىم تۈر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.