□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرىنىڭ دۇتا ئۇبو كەنتى. چىڭ شيۇپېڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە ماڭدى، ئىشىكتىن كىرىپ تۇرۇشىغىلا، بۇرۇنقى قوشنىسى قاراقاخۇن مامۇت ئوغلى بىلەن كىرىپ كەلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى پات - پات ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇراتتى.
بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن چىڭ شيۇپېڭ بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى دۇتا ئۇبو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى. قاراقاخۇن 63 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىلگىرى چىڭ شيۇپېڭ ئائىلىسى بىلەن قوشنا ئىدى، ھازىر بورتالا شەھىرىنىڭ كىرگىنجو كوچا باشقارمىسى كۇەيلې مەھەللىسى كۇەيلې جيايۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرىدۇ.
قاراقاخۇن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىنا ئۆي سېتىۋالدۇق، كەنتتىكى يەرلىرىمىزنى ھۆددىگە بەردۇق، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى شەھەردە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. «بىز كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ چىڭ شيۇپېڭ ئاكام پات - پات ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى. ئەگەر ئالدىراش بولۇپ قالسا، باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ بىزگە كۆكتات ۋە يەرلىك تۇخۇم ئەكىلىپ بېرىدۇ» دېدى ئۇ.
«مەن دۇتا ئۇبو كەنتىدە چوڭ بولغان، بەختكە يارىشا چىڭ شيۇپېڭنىڭ ياردىمىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۇق.» قاراقاخۇن مۇنداق دېدى: چىڭ شيۇپېڭ 20 نەچچە ياش ۋاقتىدا سىچۇەندىن كەنتىمىزگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش داۋامىدا بىز ئىككى ئائىلىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، چىڭ شيۇپېڭ ئىككىمىز سىرداش ياخشى ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق.
قاراقاخۇننىڭ خوتۇنى مىرزىگۈل ياسىنتوختىنىڭ بوغۇم ياللۇغى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلى بار ئىدى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاساسلىقى 13 مو كېۋەزلىكتىن قىلغان كىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى سەل غورىگىل ئىدى. چىڭ شيۇپېڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي قاراقاخۇنغا ياردەم قولىنى سۇندى. ئەتىيازدا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە تېرىقچىلىق قىلدى؛ كۈزدە چىڭ شيۇپېڭ كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ ئۇنىڭ پاختا تېرىشىگە ياردەملەشتى.
«ئۈچ بالام مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، چىقىمىمىز كۆپ، ھەر قېتىم پۇل ئۆتنە ئېلىش ئۈچۈن چىڭ شيۇپېڭ ئاكامنى ئىزدەپ بارغىنىمدا، ئۇ ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىدى.» قاراقاخۇن مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ 2016 - يىلى، خوتۇنۇم تاماق ئېتىۋاتقاندا تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ، يىقىلىپ چۈشۈپ قايناق سۇ تۆكۈلۈپ كېتىپ كۆيۈپ يارىلاندى، چىڭ شيۇپېڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئاپتوموبىل بىلەن دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى، يەنە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا چاقىرىق قىلىپ ئىككى پىدائىيلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر نۆۋەتلىشىپ خوتۇنۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بالىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تاماق ئەتتى.
مىرزىگۈل دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، چىڭ شيۇپېڭ يەنە باشلامچىلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى پۇل ئىئانە قىلىشقا تەشكىللىدى. «يەنە بەزى كەنت ئاھالىلىرى مېنىڭ ياخشىراق قۇۋۋەت تولۇقلىشىم ئۈچۈن باچكا ۋە چىلان ئەكىلىپ بەردى.» مىرزىگۈل تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەرگەندىن باشقا، چىڭ شيۇپېڭ بالىلىرىمنىڭ ئوقۇشىغىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.
2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قاراقاخۇننىڭ قىزىنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. قاراقاخۇن دەرھال قىزىنى ئېلىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ داۋالاتتى، ئىككى كۈن ئوكۇل سالدۇرغان بولسىمۇ، قىزىنىڭ كېسىلى يەنىلا ياخشىلانمىدى، ئۇ تىت - تىت بولۇپ چىڭ شيۇپېڭدىن ياردەم سورىدى. «چىڭ شيۇپېڭ ئاكام ئاپتوموبىل بىلەن كېچىلەپ يول يۈرۈپ قىزىمنى شەھەر رايونىغا ئېلىپ باردى، يەنە پۇل چىقىرىپ قىزىمنى جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇردى.» قاراقاخۇن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت سەۋىيەم يۇقىرى بولمىغاچقا، مەيلى قانداقلا ئىشقا يولۇقسام، ھەمىشە چىڭ شيۇپېڭنى ئىزدەپ بارىمەن، ئۇ ئەزەلدىن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمىدى.
مىرزىگۈل مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، قىزىم ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىنغا چۈشتى، چىڭ شيۇپېڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ، دوستىغا ھاۋالە قىلىپ، قىزىمغا كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تېپىپ بەردى.
قاراقاخۇننىڭ ئوغلى مۇساجان قاراقاخۇن مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا، دائىم ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن دادام بىلەن تاكاللىشىپ قالاتتىم، «چىڭ شيۇپېڭ تاغام بۇنى بىلگەندىن كېيىن، مېنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە غىزالىنىش، قونۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، يەنە سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا داۋلى سۆزلەپ، دادامغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردى».
«چىڭ شيۇپېڭ تاغام تولىمۇ كۆيۈمچان، ئۇ دائىم ماڭا پارچە خىراجەت ئۈچۈن پۇل بېرىدۇ، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ ئوقۇش پىلانى تۈزۈپ بەردى، مېنى ھەربىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشكە، پىراۋا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھەر قېتىم سىرتتا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغىنىمدا، مەن ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ دەردىمنى تۆكىمەن.» مۇساجان مۇنداق دېدى: چىڭ شيۇپېڭ دادامغا ئوخشاش مۇلايىم ۋە يېقىشلىق.
«قاراقاخۇن ئائىلىسىدىكىلەر ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىي، دائىم قوشنىلىرىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، مەھەللە ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتى تەشكىللىسىلا، ئۇلار ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.» بورتالا شەھىرى كىرگىنجو كوچا باشقارمىسى كۇەيلې مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ بىڭچىڭ مۇنداق دېدى: ئولتۇراق رايوندا كىمنىڭ ئۆيىدە جۈمەك بۇزۇلۇپ قالسا، قايسى ئىگە - چاقىسىز ياشانغان كىشى دورا سېتىۋېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، قاراقاخۇن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ياردەم قىلىدۇ.
«ئۇ 40 يىلدىن بۇيان باراقسان دەرەخكە ئوخشاش ئائىلەمنى بوران - چاپقۇندىن قوغداپ كەلدى، ئۇ مېنىڭ تېرىككەك مىجەزىمگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئوقۇشنى پىلانلىشىغا، كىشىلىك ھايات نىشانىنى تىكلىشىگە ياردەم بەردى... ھازىر بىز بىنا ئۆيگە كۆچۈۋالدۇق، پىكاپ سېتىۋالدۇق، بۇ مېھىر - مۇھەببەتنى ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېدى قاراقاخۇن ھاياجانلانغان ھالدا.