تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئىقتىدارنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈشكە قاراپ قەدەم تاشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالاھىدە بىر يىل بولدى.

بۇ بىر يىلدا، تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بۇرغىلاشتا ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن خوشاۋيۈن 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنياۋى كان ياتمىلىرى چارلاپ ئېچىلدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ساھە بويىچە تۇنجى 110 كىلوۋولتلۇق دالا ئەقلىي ئىقتىدار تىپىدىكى قۇرغاق تىرانسفورموتورنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىدى... بىر قاتار يېڭى كەشپىيات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلاتلار كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل كۈچ قوشتى.

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچ توپلاپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئېنېرگىيە قوشۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2023 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

مول نەتىجىلەرنىڭ ئارقىسىدىكىسى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنىڭ مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىشقا قاراپ قەدەم تاشلىغانلىقى، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن ئىقتىدارنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈشكە قاراپ قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالدى

2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كىشىنى ھاياجانغا سالدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلەردە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭدا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 11 مىليارد 552 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇردى. R&D خىراجەت سېلىنمىسى سىجىللىقى %0.6كە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن 0.09 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. R&D ئادەم سانى 61 مىڭ 700گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.3 ئاشتى.

2023 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار 1911گە يېتىپ، سان جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 2256گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %80 ئاشتى.

2023 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا تېخنىكا توختامى بويىچە پۈتۈشۈش سوممىسى 7 مىليارد 358 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىلىش مىقدارى 2398 پارچە بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18 ئاشتى.

يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلاشتى، دۆلەت شامال كۈچى بىلەن توك چىقىرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىياللىرى ۋە باتارېيە بويىچە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇش تەستىقلاندى، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، قاراماي دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى مەملىكەت بويىچە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرغان تۇنجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقسۇ ئارال دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلۇشى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭدا تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كاپالەتلەندۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دۆلەت تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىدىن بىرى، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن بىرى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدىن ئۈچى، دۆلەت قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىن بەشى، دۆلەت خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسىدىن 12سى بار بولدى؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا 134كە، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بىرگە، قۇرۇلۇش تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى 168گە، كىلىنىكىلىق تېببىي تەتقىقات مەركىزى 28گە، يېڭىچە تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتى تۆتكە يەتتى...

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭىلاپ قوللىنىش، ئېكولوگىيە يېتىلدۈرۈشنى سىستېمىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. تۈرلۈك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچلىرىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى

2023 - يىلى، شىنجاڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئېھتىياجىنى نىشانلاپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى سىجىل كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلىدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدا، دۇنيا بويىچە تۇنجى پىروتون سىلجىما زەخىملىنىش تەسىرىنى تەقلىدىي سىناق قىلىش قۇرۇلمىسى − 60 مېگالىق ئېلېكتىرون ۋولت پىروتون تېزلەتكۈچ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى. بۇ، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر رادىياتسىيە قۇرۇلمىسى، زاپچاسلارنى سىناق قىلىش ۋە مىقدارىنى ئۆلچەش بىر گەۋدىلەشكەن ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ رادىياتسىيە تەسىرىنى سىناق قىلىشتا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا سۇپىسى؛

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىششىقلىنىدىغان شوخلا بويىچە بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى دۇنيادىكى تۇنجى شوخلا دەرىجىدىن تاشقىرى گېن گۇرۇپپىسىنى بەرپا قىلدى ھەم ياۋا شوخلا بايلىقىدىن شاخلىنىش سانىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرالايدىغان ھەمدە مېۋە سانىنى %67.1 ئاشۇرالايدىغان يېڭى گېننى كىلونلاپ چىقتى، كەلگۈسىدە شوخلا مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن؛

...

بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل يولغا قويغانلىقىدىن بولدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يەنە شىنجاڭنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا تولۇق قويۇپ، رايونلارنىڭ ماس ئىجادىي تەرەققىياتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشتە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ «پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى <كىچىك ئۆمەك تەشكىللەپ> شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى يولغا قويۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 14 ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئىختىساسلىقلاردىن 90نى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم، مەركەز ئورۇنلىرى بىلەن جايلارنىڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن ماس يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، تەييۈەن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى داشۆسى بىلەن بولغان ھەمدە خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى بەرپا قىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان پەن - تېخنىكا باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دائىملىق، مۇقىم، كۆپ تەرەپلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشتى.

يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى سىجىل ئەلالاشتى

يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىختىساسلىقلارغا ئېرىشىشتە. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم بىرىنچى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىغا ئىگە بولسا، بىرىنچى قاتاردىكى ئالىملارغا ئىگە بولسا، شۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

2023 - يىلى، شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى مىسلىسىز ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىككە قويدى: 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلدى ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلەتتى، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇشنى باشلىدى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇردى... ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىشتىكى تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلەر شىنجاڭنىڭ «پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىدىغان» ئىشەنچى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى.

2023 - يىلى، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر مۇنبىرى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېشىل مېۋە - كۆكتات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، ماي تەركىبى مول كۆمۈرنى ئېچىش، يېشىل كانچىلىق، شورلۇق يەرلەردىن ئۇنىۋېرسال ئېچىپ پايدىلىنىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئاچتى، 100دىن ئارتۇق ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

شۇنداق بولۇپلا قالماي، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكى ھەمدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» شەكلى ئارقىلىق ئاكادېمىكلار ھەم ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا داۋالاش مەركىزى بەرپا قىلىش قاتارلىق زور يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. 2023 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەنگە ئېلىنىپ تىزىملانغان پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى 9136 كىشى بولۇپ، ئۇلار پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى شەكلىدە ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پەن - تېخنىكىغا مۇلازىمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تىرەك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن - تېخنىكا «ياشانغان ئىختىساسلىقلار» پىلانىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشقا جەلپ قىلدى.

پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2023 - يىلى، ئىككى مۇتەخەسسىس ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، 118 تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بىر چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس جۇڭگو ھۆكۈمىتى دوستلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، سەككىز چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تىيانشان مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

يول گەرچە يىراق بولسىمۇ، توختىماي ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە تەس بولسىمۇ، بەل قويۇۋەتمىگەندە ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت توپلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.