تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۈزەل رەقەملىك كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىش

​− دۆلىتىمىز يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ سىبېي

بۈگۈنكى دەۋردە، ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىش بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىدى. ئالاقە تورى دۇنيانى «يەرشارى كەنتى»گە ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بارغانسېرى ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندۇردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز تور بوشلۇقى بويىچە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، بىخەتەر، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش −

«جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق كۈچەيتىشنى خالايدۇ...» بۇ يىل 4 - ئايدا، «2024 - يىللىق جۇڭگو - ئافرىقا ئالاقە تورى تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى رەئىس باياناتى» ئېلان قىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى.

تور بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق پائالىيەت بوشلۇقى، تور بوشلۇقىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى كېرەك.

«تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلىش، «20 دۆلەت گۇرۇھى رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقى تەشەببۇسى»نى ئىمزالاش، «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» ئەمەلىي مىساللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، «جۇڭگو - ئافرىقا قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلار يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ «يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، بىخەتەر تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇندى؛ جۇڭگو - گېرمانىيە ئالاقە تورى ئىقتىساد سۆھبىتى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى مۇنبىرى، تور يىپەك يولى يىغىنى قاتارلىق ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، تىنچ، بىخەتەر، ئوچۇق، ھەمكارلىشىدىغان، تەرتىپلىك تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇندى...

دۆلىتىمىز يەرشارىۋى ئالاقە تورىنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىغا پائال قاتنىشىپ، رەقەملىك ئىقتىساد خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش −

«15 مىنۇتلۇق سۈپەتلىك مەدەنىيەت تۇرمۇش چەمبىرىكى» كىچىك پىروگراممىسىنى چېكىپ ئاچسا، ئەتراپتىكى بارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بارماقنى مىدىرلىتىپلا «چەمبىرەك ئىچى» كۆرگەزمىسى، ئويۇن قويۇش قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، يەنە قىزىقىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە ئالدىن كېلىشىپ قاتناشقىلى بولىدۇ... جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىنىڭ چېڭنەن كوچىسىدا، تور ئارقىلىق قولايلىق، كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندى.

رەقەملەشتۈرۈش تۇرمۇشنى ئۆزگەرتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى، رەقەملىك ئىقتىسادتا يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشتىكى «1 - نومۇرلۇق تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ بەختلىك بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى.

پۇقرالارنى ئاز قاترىتىش، سانلىق مەلۇماتنى كۆپ ئىشقا سېلىش، «جېجياڭدا بېجىرىش» «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ شەھەرلەرگە رەقەملىك «چوڭ مېڭە» ئورنىتىلىپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ رەقەم ئارقىلىق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇلۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت «ياشلىشىش قىياپىتى»نى تېخىمۇ نامايان قىلدى، مەدەنىيەت كەسپى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولدى...

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، جېجياڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان؛ رەقەملىك سودا ئېكسپورتى 380 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان. رەقەملىك ئىقتىساد ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جېجياڭ رەقەملىك مەدەنىيلىك يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

يەرشارىۋى ئالاقە تورى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسى قۇرۇش −

بۇ يىل 3 - ئايدا، 2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە تۈر توپلاش باشلاندى. دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشلامچى ئورۇندا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى پەن - تېخنىكا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيا ئالاقە تورى پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى.

كىچىك كۆۋرۈكلەر ئاستىدا ئېقىۋاتقان سۇلار، ئاپئاق ئاقارتىلغان تاملار بىلەن قارامتۇل كاھىشلار. ئالاقە تورى نۇرىدا، مىڭ يىللىق قەدىمىي بازار جېجياڭ ۋۇجېن پارلاق نۇر چېچىپ جۇلالاندى.

2014 - يىلىدىن باشلاپ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئۇدا بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئورتاق تونۇشى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، رەقەملىك ساھەدىكى ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلاشتى. «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» ناملىق ئۇقۇم ھۆججىتى، «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت تەشەببۇسى» ۋە «تور ئىگىلىك ھوقۇقى: نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت» قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى ئېلان قىلدى، «تۆت پىرىنسىپ» «بەش تەشەببۇس» «تۆت ئورتاق» قاتارلىق جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

2022 - يىلى 7 - ئايدا، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئالاقە تورى ساھەسىدىكى خەلقئارا كاتتا يىغىندىن خەلقئارا تەشكىلاتقا قاراپ تەرەققىي قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى خەلقئارا تەشكىلاتى رەقەملىك تەرەققىيات خەلقئارا ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلارنى سىجىل ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تور مەدەنىيىتى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، تىرىشىپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 2024 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «جېنشۈي ۋۇجېن» ئالاقە تورى نۇرىنى يەنە بىر قېتىم جۇلالاندۇرىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا «دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» بويىچە تەقدىرلەش قاتارلىق تۆت چوڭ يارقىن نۇقتا، ئالاھىدە تۈر قانات يايدۇرۇلىدۇ، «قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بويىچە نادىر مىساللار»نى ئېلان قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى، «ئالاقە تورى نۇرى» كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، رەقەملىك مەدەنىيلىكنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.