تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

​تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچ توپلاپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئېنېرگىيە قوشۇش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2023 - يىلى، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچلىرىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەجرىبە تەرەققىيات (R&D) خىراجىتى 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 11 مىليارد 552 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان. R&D خىراجەت سېلىنمىسى سىجىللىقى %0.6كە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىدىن 0.09 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛ R&D ئادەم سانى 61 مىڭ 700گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %41.3 ئاشقان.

R&D خىراجىتى ھەم ئۇنىڭ سېلىنما سىجىللىقى خەلقئارادا كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىۋاتقان، بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنما كۆلىمى ھەم سەۋىيەسىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، بىر قاتار يادرولۇق تېخنىكىلاردا زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر بىرىكتۈرۈلۈپ قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى ۋە مۇستەھكەملەندى.

نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار زور بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى. قومۇلدىكى كۆمۈرنى بىۋاسىتە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئالىي دەرىجىلىك نازۇك خىمىيەلىك بۇيۇم تەييارلاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەخسۇس تۈر مەدىتىگە ئېرىشتى، تارىم نېفىتلىكىدىكى 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بۇرغىلانغان قۇدۇق ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن خوشاۋيۈن 10 مىليون توننا دەرىجىلىك قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي مىليون توننا دەرىجىلىك ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنى قاتارلىق بىر تۈركۈم دۇنياۋى كان ياتمىلىرى چارلاپ ئېچىلدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ساھە بويىچە تۇنجى 110 كىلوۋولتلۇق دالا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرغاق تىرانسفورموتورنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىدى، 3 - قېتىملىق شىنجاڭنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بىر تۈركۈم مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى...

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. 2023 - يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 529ى ساپ كۆپىيىپ، 1911غا يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار 2256گە يېتىپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %80 ئاشتى.

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ھاسىلاتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 2023 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تېخنىكا توختاملىرىدا پۈتۈشۈلگەن سومما 7 مىليارد 358 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2022 - يىلىدىكىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. 2023 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە بېرىلگەن كەشپىيات پاتېنتى ھوقۇقى سانى 2398 بولۇپ، 2022 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %18 ئاشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جېلىل خېلىل مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلار رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىمىز ۋە يېتەكچىلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.