تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

    مەنبە: «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»

    2024-يىللىق قىشلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.

    ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر چارشەنبە كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ، بېرىش سەپىرىدە UQ2643 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 7:00دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 10:00دا لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ، 11:30دا لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 14:50دە ياجۇاڭ جىنلەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ. قايتىش سەپىرىدە UQ2644 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان 15:30دا ياجۇاڭ جىنلەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 21:35دە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ، 23:05دە لەنجوۋ جۇڭچۇەن خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، 01:55دە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارىدۇ.

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى-لەنجوۋ-ياجۇاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېتىبارلىق بېلىتى توردا سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، لەنجوۋدىن ياجۇاڭغا بارىدىغان تاق مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتى 900 يۈەندىن، ياجۇاڭدىن لەنجوۋغا بارىدىغان تاق مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتى 560 يۈەندىن، ئۈرۈمچىدىن ياجۇاڭغا بارىدىغان تاق مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتى 1200 يۈەندىن، ياجۇاڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان تاق مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتى 1220 يۈەندىن باشلىنىدىكەن (يۇقىرىقى باھا باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، يولۇچىلار ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى، 24 سائەتلىك بېلەت سېتىۋېلىش قىزىق لىنىيەسى 95334 ۋە ھوقۇق بېرىلگەن ھەرقايسى چوڭ ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق تەكشۈرسە، بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ.

    ياجۇاڭ ۋېيتنامنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى شەھىرى، چىڭخې ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 28 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا، تۆت پەسىل ئايرىمىسى يوق، ھاۋاسى يېقىشلىق، دېڭىز ئارىلىنىڭ دېڭىز مەنزىرىسى ۋە رومانتىك مەدەنىيىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، قىش پەسلىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتى كۆپ بولغاچقا، سوغۇقتىن قېچىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا بارىدىغان «پەسىل قۇشلىرى يولۇچىلىرى»نىڭ پەسىلنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، ساياھەت بازىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ توشۇش كۈچى سېلىنمىسىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.