تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇ قار پەسلىدە، ئالتايدا قار-مۇز پائالىيەتلىرى جانلىنىپ كەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ خەۋەر قىلىدۇ) ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى، جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىشىغا ئەگىشىپ، «جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى» ئالتاي «قار-مۇز ئەندىزىسى»نى باشلىدى. 2025-2024-يىللىق قار پەسلىدە، ئالتاي ۋىلايىتى بىر قاتار قار-مۇز مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قىش پەسلىنى جانلاندۇرىدۇ.

ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى تىجارەت باشلىغان كۈنى قار ھەۋەسكارلىرى توزغاق قاردا بەھۇزۇر تېيىلماقتا.   دۇڭ شىجۈ فوتوسى

بۇ قار پەسلىدە، ئالتاينىڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار بولدى. «داپ چېلىپ ئېيتىلدى ناخشا» تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلىنىڭ 3-قېتىملىق نومۇر تاللىشى 11-ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى ئالتاي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، خەلق ئىچى سەنئىتى نومۇرلىرىنى تاللاش، كۆرەك قىلىش، سەييارە قويۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلدى.

قېلىن قار بەس-بەستە ياغماقتا، تۈرلۈك قالتىس قار-مۇز تەنھەرىكەت مۇسابىقە پائالىيەتلىرىمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلمەكتە. 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، 2024-يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدىكى مۇھىم ئىش − FWT دۇنيا دالا قار سەييارە مۇسابىقىسى جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 2025-2024-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى مەملىكەتلىك دالىدا قار تېيىلىش چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىمۇ يەنە بىر قېتىم ئالتايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، يەنە 2025-يىللىق 2-نۆۋەتلىك «قار-مۇز يىپەك يولى  جۇڭگو قار-مۇز شەھىرى» ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي يەتتە چوڭ تۈر، 37 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنىدۇ. توزغاق قار كاتتا مەرىكىسى يەر شارىۋى توزغاق قار تېيىلىش ئۇستازلىرى دەرسى، ئىللىق قار بايرىمى − يېڭى شەرق ئىللىق قار ئۆسمۈرلەر ئەركىن قار تېيىلىش لاگېرى (قوش تىلدا)، 100 قېتىم سىناپ قار تېيىلىش، تاغقا چىقىش، قار تېيىلىش مەشىق لاگېرى، توزغاق قار مېھمان قوبۇل قىلىش زالى قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ قالتىس ئۆتكۈزۈلىدۇ. شياۋخۇڭشۇ قار ئادەم بايرىمى يەنە ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭدا «بىرلىكتە قار تېيىلىش، قار ئويناش، قار ماكانىدىكى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇشنى ھېس قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىدا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىنىپ، شياۋخۇڭشۇ نومۇرى ئىگىلىرى ۋە سەنئەتكارلار قار ئادەم سالاھىيىتى بىلەن ھېس قىلىش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، بۇ، قار تېيىلىش، قار ئويناش، DIY ئۆزى قول سېلىپ قار ئۆي ياساش، DJ مۇزىكا بايرىمى، ساليۇت كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھەت پائالىيەتلىرىدىكى ماركا پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى (ئاساسىي يىغىن مەيدانى)دا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتى بەخت تىلەش پائالىيىتى، مۇقەددەس ئوتنى كۈتۈۋېلىش ۋە مۇقەددەس ئوت يېقىش مۇراسىمى، «كۆلگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش . بېلىق تورىنى ئويغىتىش» بەخت تىلەش مۇراسىمى، قىشلىق بېلىق تۇتۇشتا تور يېيىش، بېلىق تۇتۇش كۆرگەزمىسى، نەق مەيداندا بېلىق، يېڭى قوي شورپىسىنى تېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئادەتتىن تاشقىرى قار-مۇز تەسىراتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.