تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

تەربىيەلەش بار بولدى، ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يېڭى چىقىش يولى بار بولدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ

  «ناھايىتى ياخشى بولدى، يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تەربىيەلەش ئاياغلاشسا، خىزمىتىم بار بولىدۇ، ھۈنەر ئۆگىنىپلا قالماي، كىرىمىممۇ خېلى ئاشىدۇ، جياڭشىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت» دېدى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرىنىڭ نەنكاڭ رايونىدا كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان مۇساجان دانىش.

  بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن مۇساجان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ تار تاجىك يېزىسىدىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش ماھارىتىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئىزچىل مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغانىدى، ئۇ يېقىندا ئاقتۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى گەنجوۋ شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللىمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇ خوتۇنى بىلەن تۇنجى بولۇپ تىزىملاتتى. ئۇلار 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 30 ئوقۇغۇچى بىلەن بىللە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجوۋ شەھىرىگە كەلدى.

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە تەربىيەلەنمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

  نەنكاڭ رايونى مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۆي جاھازلىرى ياساش بازىسى، ياغاچ ماتېرىياللىرى ۋە ئۆي جاھازلىرى سودىسى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش 12 كۈن بولۇپ، يۇمشاق ماتېرىياللىق ئۆي جاھازلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى، مەھسۇلات قۇرۇلمىسى، ھۈنەر-سەنئەت تەرتىپى قاتارلىق بىلىملەر ئاساس قىلىنىدۇ. نەنكاڭ رايونىدا تەربىيەلىنىۋاتقان مەزگىلدە، مۇساجان جۇڭگو ئۆي جاھازلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىپ، كامالەتكە يەتكەن ئۆي جاھازلىرى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئېيتتى.

  تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نەنكاڭ ئۆي جاھازلىرى شەھەرچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو فوتوسى

  11-ئاينىڭ 16-كۈنى، تەربىيەلەش تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، گەنجوۋ شەھىرى ئىختىساسلىقلار گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئەر-خوتۇن ئۆيى تەسىس قىلىپ، ھەر ئايلىق ئاساسىي مائاشىغا 4300 يۈەن تاماق ياردەم پۇلى قوشۇپ بەردى.

  «مەن خوتۇنۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، گەنجوۋ شەھىرىدە قېلىپ ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى قارار قىلدىم» دېدى مۇساجان.

  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى، ئاقتۇ ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۇلارغا تەربىيەلەش دەرسلىكى تۈزۈپ بەردى، تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان خادىملار ئۈچۈن مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى تەشكىللىدى. تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئوقۇشتا نەتىجە قازىنىش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر بۇ تۈركۈمدە تەربىيەلەنگەن 32 كۇرسانتنىڭ ئۈچى ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، تۆتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئاسى بار. كېيىنكى قەدەمدە، جياڭشى ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.