تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ يىل قىشتا غۇلجا شەھىرىدىكى 20 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالە پاكىز ئېنىرگىيەدە ئىسسىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

     پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايون بېكىتكەن «خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى»نىڭ بىرى، بۇ يىل غۇلجا شەھىرى 20 مىڭ ئائىلىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ھازىر بۇ قۇرۇلۇش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى. 

ئۆتكۈزگۈچ سىم ئۇلاش نەق مەيدانى

 توك يولىغا توك يەتكۈزۈش 

 توك سىمى تارتىش، قۇراشتۇرۇش ھۈنىرىنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

تار كوچىلاردىكى ھەممە ئائىلىگە ئۈچ فازىلىق توك سائىتى ساندۇقى ئورنىتىلدى

ئاھالە پاكىز ئېنىرگىيە بىلەن ئىسىنىش ئۇسۇلىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن خۇشال بولدى

 ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇش

   ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى غۇلجا شەھىرى جەمئىي 20 مىڭ ئائىلىنى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 6638 ئائىلىنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىشىتكە ئۆزگەرتكەن، 11 مىڭ 23 ئائىلىنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتكەن، 1063 ئائىلىنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەشكە ئۆزگەرتكەن، شەھەر بويىچە 1276 ئائىلىنىڭكىنى يېڭىلىغان. يېشىل، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولغان پاكىز ئىسسىنىش بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.