تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: شىنجاڭ قاتارلىق چېگرا رايونلارنىڭ چېگرا ھالقىغان قار-مۇز مۇسابىقىسى، قار-مۇز ساياھىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدا بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقئارا قار-مۇز ئىقتىسادى ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە قار-مۇز مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىش ياكى ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە مەدەت بېرىلىدۇ. جۇڭگونىڭ قار-مۇز مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىپ، «جۇڭگونىڭ قار-مۇز ئارقىلىق دۇنيانى قارشى ئېلىش پىلانى» يولغا قويۇلىدۇ. ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق چېگرا رايونلار چېگرا ھالقىغان قار-مۇز مۇسابىقىسى، قار-مۇز ساياھىتى قاتارلىق خەلق ئىچى دوستلۇق ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، قار-مۇز ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش رىشتى چىڭىتىلىدۇ.

  يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا قار-مۇز ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇلىدۇ. جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قار-مۇز تەنتەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، «قار-مۇز يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يۈزلەنگەن ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول »نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ. ئۆز ماركىسى بولغان خەلقئارا قار-مۇز مۇسابىقىسى يېتىشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا مەشىق بازىسى قۇرۇلۇپ، رېپىر، تېرېنېر قاتارلىق كەسپىي تېخنىك خادىملىرىنى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش سالمىقى زورايتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

  ​

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.