ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭنىڭ ھۈنەر-سەنئەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى باشلامچى شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدا 2024-يىللىق ھۈنەر-سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش باشلاندى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولۇپ، ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.
شىنجاڭنىڭ 2024-يىللىق ھۈنەر-سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش نەق مەيدانى. سۈن شۇيۈەن فوتوسى
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم تەربىيەلەنگەن خادىملار ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى» «بىڭتۇەن ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى» نامىغا ئېرىشكەن خادىملار ۋەكىللىرى ھەم ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىقىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان كەسىپكارلار ۋەكىللىرى بولۇپ، جەمئىي 108 كىشى ئىكەن. تەربىيەلەش مەزمۇنى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئەنئەنىۋى ماھارەت بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى دەۋر خاراكتېرلىك ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ھۈنەر-سەنئەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان، كىيىم-كېچەك لايىھەلەش، ئىجادىيەت تەپەككۇرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
شىنجاڭ مول بولغان ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، بۇلار ھۈنەر-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىرىدا ئۇچقاندەك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدە ئويمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى، يىپ سۇغىرىپ كەشتە تىكىش ھۈنەر-سەنئىتى، گىلەم توقۇش ھۈنەر-سەنئىتى، مىللەتلەر خەلق ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىق ئون چوڭ تۈر، 58 خىلدىكى ھەم بىر قانچە تۈردىكى ھۈنەر-سەنئەت شەكىللەندۈرۈلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى