تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت ئىشلىرى ئەلچىسىدىن 20نى قوبۇل قىلىدۇ

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ياخشى كەيپىياتىنى تەشەببۇس قىلىپ، شىنجاڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بۇ فوند جەمئىيىتى ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتىن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت ئىشلىرى ئەلچىسىدىن 20نى قوبۇل قىلىدىكەن.

    قوبۇل قىلىش شەرتى: يۈكسەك جەمئىيەت مەسئۇلىيىتى تۇيغۇسى ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغان، مېيىپلەر ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقىت، زېھنىي كۈچ ۋە بايلىق سەرپ قىلىشنى خالايدىغان بولۇش؛ ئۆز ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى بولۇش؛ ياخشى ئاممىۋى ئوبرازغا ۋە جەمئىيەتتە ئىجابىي باھاغا ئىگە بولغان بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق خاتىرىسى بولماسلىق؛ بىر قەدەر كۈچلۈك ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش؛ شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مېيىپلەرگە ماھىيەتلىك ياردەم ۋە مەدەت بېرىش. 

    شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار قىسقىچە تەرجىمىھالى، يېقىندىن تارتىلغان سۈرىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئويىنى ئېلېكترونلۇق پوچتا ساندۇقىغا يوللىسا بولىدۇ. پوچتا يوللانمىسىنىڭ باش تېمىسىغا «مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت ئىشلىرى ئەلچىسى ئىلتىماسى-ئىسىم-فامىلىسى-ساھە» ئەسكەرتىلىشى كېرەك. تاللانغانلار مەخسۇس بېكىتىلگەن مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت ئىشلىرى ئەلچىسى ئېلانىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە تەكلىپنامە تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ توغرىسىدا سورايدىغان سوئاللار بولسا، شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى: 8732055-0991غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

    مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خەيرىيەت ئىشلىرى ئەلچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئاساسلىقى مېيىپلەر ئۈچۈن سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ساداسى ۋە ئېھتىياجىنى يەتكۈزۈش؛ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش؛ ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ مېيىپلەر پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.