تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

تۇنجى تۈركۈمدىكى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» يۇغۇرما قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشى باشلاندى

  ​شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ شياۋجيې، جاڭ شىنشىن) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» يۇغۇرما قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. نەنجىڭ، ۋۇخەن، چىڭداۋ قاتارلىق سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 10 شەھەر پۈتۈن مەملىكەت، رايون بويىچە يېتەكلەش تەسىرىگە ئىگە «5G + سانائەت ئالاقە تورى» كەسىپ توپى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ.

   2024-يىللىق جۇڭگو 5G + سانائەت ئالاقە تورى يىغىنى شۇ كۈنى خۇبېي ۋۇخەندە ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەرلەر «5G + سانائەت ئالاقە تورى» يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ئەسلىھەسى، يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىغا، يېشىللىشىشىغا، يۇغۇرما تەرەققىياتىغا زىچ مۇلازىمەت قىلىپ، مەملىكەت بويىچە «5G + سانائەت ئالاقە تورى» يۇغۇرما قوللىنىشى ئۈچۈن يېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ رەقەملىشىپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە يېڭى يول ئېچىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «5G + سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ ھەرقايسى كەسپ، ساھەلەردە كۆلەملىشىپ قوللىنىلىشى سىجىل تېزلەشتى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يىغىندا «2024-يىللىق 5G زاۋۇت تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ تاللاش، ئاپتوموبىل ياسىمىچىلىقى، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى قاتارلىق 39 كەسپتىكى 5G تېخنىكىسىنى قوللىنىۋاتقان 400 زاۋۇت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

   سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يۈنمىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» يۇغۇرما قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يەرلىكنى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ھەقىقىي قىيىن مەسىلە ۋە يېڭى تېمىلارنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئۈلگىسى بەرپا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانائەت ئالاقە تورى بىلەن نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، «زەنجىرسىمان تور ھەمكارلىقى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ، ساھەلەر بويىچە 5G تېخنىكىسى قوللىنىدىغان زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقتا «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش، تورلاشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش»نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.