1
دىيابېت كېسىلى شېكەرنى كۆپ يېگەنلىكتىن بولىدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال
بۇ قاراش توغرا ئەمەس، ئۇزاق ۋاقىت شېكەرنى كۆپ يېيىش دىيابېت كېسىلىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن ئۇ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تەھلىل
تەھلىل: دىيابېت كېسىلى ئاساسلىقى بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلى ۋە ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلى، دەپ ئايرىلىدۇ:
● بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئىنسۇلىن ھاسىل قىلىدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچە ھۈجەيرىسىنى بۇزۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، ھەرگىزمۇ يېمەك - ئىچمەك ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاشتىن كېلىپ چىقمايدۇ.
● ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئىرسىيەت، مېتابولىزم ۋە مۇھىت ئامىلىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى β ھۈجەيرىسىنىڭ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىدىن شەكىللىنىدۇ.
بىراق، شېكەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە بولغان تەسىرى يەنىلا غايەت زور بولىدۇ:
● بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنى بەك كۆپ يېگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
● ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شېكەرنى بەك كۆپ يېگەندە ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىپ، ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ، قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى تىزگىنلەشكە پايدىسىز.
2
ئىنسۇلىن ئۇرۇش توختاپ قالسا بولمايدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال
قىسمەن بىمارلار كېسەللىك ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئىنسۇلىننى توختىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ، لېكىن قىسمەن بىمارلار يەنە دورا ئىچىشكە ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
تەھلىل
بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىنسۇلىن ئىشلەتكەندە ئادەتتە ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇنى توختىتىشقا ئامالسىز قالىدۇ، بۇنى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى β ھۈجەيرىسىنىڭ ئىقتىدارى بىر قەدەر ياخشى، ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقى بىر قەدەر يېنىك بولسا، يېمەك - ئىچمەك ۋە ھەرىكەتنى قاتتىق كونترول قىلالىسا، ئىنسۇلىننى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىپ ئىچىدىغان دورىغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق باھالاشقا بولىدۇ.
● كۈندىلىك ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياج ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 0.25 بىرلىكتىن تۆۋەن بولۇش.
● تاماق يېمەسلىك ھالىتىدە قان شېكىرى 6.1mmol/Lدىن تۆۋەن، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى 78mmol/Lدىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە شېكەرلەشكەن ھېموگلوبىن (HbA1c) 6.5%تىن تۆۋەن بولۇش.
● ئىنسۇلىننى توختاتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاساسىي سەۋىيەسى نورمال بولۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە گلۇكاگوننىڭ غىدىقلىشىدىن كېيىن، C پېپتىد سەۋىيەسى ئاساسىي سەۋىيەدىن %50 ئېشىپ كېتىش.
ئەمما، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان، ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان چاغدىلا ئىنسۇلىن ئىشلىتىدۇ، شۇڭا ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى توختىتىدىغانلار بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.
3
ئاساسلىق تاماقنى قانچە ئاز يېسە قان شېكىرىنى شۇنچە ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال
ئۇنداق ئەمەس، ئاساسلىق تاماقنى بەك ئاز يېگەندە ھاياتقا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
تەھلىل
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەقىقەتەن ھەر ۋاقلىق ئاساسلىق تاماقنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىشى، ئاساسلىق تاماقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىپلا قالماي، يەنە ئاساسلىق تاماقنىڭ سۈپىتىنىمۇ كونترول قىلىشى كېرەك. ئامال بار شېكەر ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى تاللاش، مەسىلەن، كۆممىقوناق، قارا گۈرۈچ، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىقلار، قان شېكىرى مۇقىم بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى 300 ~ 200 گىرام ئاساسلىق تاماق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئاساسلىق تاماق ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى، يېگەن ئاساسلىق تاماق بەك ئاز بولۇپ قالسا، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىدا ئاسانلا قان شېكىرى تۆۋەنلەش يۈزبېرىدۇ؛ ئادەم بەدىنى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ساقلاش بىلەن بىللە سۇ ساقلايدۇ، يېگەن ئاساسلىق تاماق (كاربون سۇ بىرىكمىلىرى) بىر قەدەر ئاز بولسا، سۇسىزلىنىش خەتىرىمۇ ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلېكترولىتمۇ قالايمىقانلىشىدۇ؛ ھەمدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بىر قەدەر ئاز بولغاندا ئادەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماينى پارچىلاپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېتون كېسىلىدىكى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇ ئەگەشمە كېسەللىكلەر دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن.
4
ياشلار دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال
ئۇنداق ئەمەس، دىيابېت كېسىلى ياش قاتلىمى «تاللىمايدۇ».
تەھلىل
دۆلىتىمىزدىكى بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ئۈچتىن بىر قىسىم بىمارلارنىڭ يېشى 20 ياشتىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدىكى 15 ياشتىن تۆۋەن بىر تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئۆتكەن 20 يىلدا تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.
ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىچىدە ياشلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئوخشاشلا ئاشماقتا، ياشلارنىڭ ئىككى تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتەر ئامىللىرى: يۇقىرى قەنتلىك، يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەك - ئىچمەك ئادىتى، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش ۋە ئۇزاق ئولتۇرۇشتەك تۇرمۇش ئۇسۇلى، روھىي بېسىمنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشى ۋە جەمەت ئىرسىيەت ئامىللىرى.
5
پەقەت سېمىز ئادەملەرلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟
ھەقىقىي ئەھۋال
ئۇنداق ئەمەس، ئورۇق ئادەملەرمۇ دىيابېت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ.
تەھلىل
گەرچە سېمىزلىك دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىلى بولسىمۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرمۇ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بىرىنچىدىن، بەدەن ئېغىرلىقى بەدەندىكى ياغنىڭ تارقىلىشىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، بەزىلەرنىڭ بەدەن شەكلى بىر قەدەر ئورۇق، لېكىن ئىچكى ئەزالىرىدىكى ياغ بەدەندە «ئەسەبىيلەرچە» ئۆسۈپ كەتكەن بولىدۇ؛ ياكى ئۆزى ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېتابولىزمنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈردىكى ئاغرىقلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپى سېمىزلىك/ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن ئاغرىقلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ «سېمىزلىك پارادوكسى» دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال، ئەمما دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ ئېغىر بولغان مېتابولىزم مەسىلىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىراق، بۇ نەزەرىيە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بەدەن شەكلى نورمال كىشىلەرمۇ دىيابېت كېسەللىكىدىن ئىبارەت بۇ خىل كېسەلگە سەل قارىماستىن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلىشى كېرەك، دېگەنلىك.
(ئاخىرى كېيىنكى ساندا)