تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئۈرۈمچىدىكى قار-مۇزدا مارافون يۈگۈرۈشكە تىزىملىتىش سانى توشۇپ بولدى

    2024-يىللىق ئۈرۈمچى قار-مۇزدا يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش ئىككى ھەپتە داۋاملاشتى، تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانى توشۇپ بولدى، تىزىملىتىش ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە يېرىم ئاي قالدى. بۇ، بۇ قېتىمقى مارافون يۈگۈرۈشكە چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى، 6000 نەپەر چەك تارتىپ سانغا ئېرىشكۈچى نەنسەندە ئۇچرىشىدۇ. بۇ يەنە ئۈرۈمچىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل نەنسەن مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-قېتىملىق قىشلىق مارافون يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى.

   ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىم شەخسنى بىرلىك قىلغان مارافون يۈگۈرۈشكە تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدە، يېرىم مۇساپىلىك مارافون يۈگۈرۈشىگە تىزىملاتقانلار 4000 كىشىگە يەتكەن، خۇشال-خۇرام يۈگۈرۈشكە تىزىملاتقانلار تەخمىنەن 2500 كىشى بولغان، كوللېكتىپ تىزىملىتىدىغانلار سانىنىڭ 2000 كىشىدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن. بۇنىڭ ئارىسىدا، شەخسنى بىرلىك قىلغان تارقاق تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدە، شىنجاڭ سىرتىدىكى تارقاق تىزىملاتقۇچىلار 1300 كىشىگە يېقىنلاشقان. كوللېكتىپ تىزىملاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن يۈگۈرگۈچىلەر ئىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.