11-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو قاتنىشى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى سائەت 12دىن باشلاپ، S254 لىنىيەسى لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە كىچىك ئاپتوموبىللارنىڭ (توققۇز كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن) يۈرۈش سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 60 كىلومېتىردىن 80 كىلومېتىرغا كۆتۈرۈلگەن.
لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىدا 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلانغان، تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 3-قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولى بار 2-دەرىجىلىك تاشيول بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 334 كىلومېتىر، كۈندىلىك قاتناش مىقدارى تەخمىنەن 1000 ئاپتوموبىل بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چەرچەن ناھىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. بۇ تاشيولنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ G218 لىنىيەسى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چەرچەن ناھىيەسى S315 لىنىيەسى بولۇپ، رايون قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاش، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو قاتنىشى شىنجاڭ قاتناش سېلىنما تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تىجارەت كوللېكتىپىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ ئاممىۋى يۈرۈش مۇلازىمىتى تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل سەپەرگە چىقىش ئارزۇسىنى ئەڭ زور چەكتە قاندۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي دەلىللەش ئارقىلىق بىر قىسىم يول ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى يول بۆلەكلىرىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى قىممىتى ئۆستۈرۈلۈپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قاتناش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، لوپنۇر-چەرچەن تاشيولىنىڭ K21+820دىن K335+341.423 بۆلىكىگىچە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 82.58 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە ئەسلىدىكى 60 كىلومېتىرلىق سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى ساقلاپ قېلىندى، 230.38 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى 80 كىلومېتىر، باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى 60 كىلومېتىر قىلىپ تەڭشەلدى. بۇنىڭدىن باشقا، باشلىنىش نۇقتىسىدىن تارىم دەرياسى بۆلىكىگىچە بولغان 21 كىلومېتىر بۆلەكتە سۈرئەت يەنىلا سائىتىگە 80 كىلومېتىر بولىدۇ. بۇ قېتىمقى سۈرئەت چەكلىمىسىنى تەڭشەش يول يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. (مۇخبىر جىڭ لىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ خۇافېڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى