تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مۇھىم ئۇقتۇرۇش! تۇرالغۇ ئۆي سودا بېجى يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلدى!

    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 

    مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار باج سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر كۆپ تۈرلۈك باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. 

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تۇرالغۇ سودىسى ھالقىسىدىكى يەر خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق ۋە ياخشىلاش خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجى پائال قوللاشقا ئېرىشىدۇ؛ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى تۆۋەنلىتىلىپ، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقى پەسەيتىلىدۇ. 

    يەر خېتى بېجى جەھەتتە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %1لىك تۆۋەن باج نىسبىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كۆلەم ئۆلچىمى 90 كىۋادرات مېتىردىن 140 كىۋادرات مېتىرغا ئۆستۈرۈلدى ھەم بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەرنىڭ باشقا رايونلار بىلەن بىرلىكتە ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيىنىڭ يەر خېتى بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى بىر تۇتاش قوللانسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە، شەخسلەر سېتىۋالغان ئائىلىنىڭ بىردىنبىر تۇرالغۇسى ۋە ئائىلىنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش تۇرالغۇسىنىڭ كۆلىمى 140 كىۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كەتمىسىلا، بىر تۇتاش %1لىك باج نىسبىتى بويىچە يەر خېتى بېجى تاپشۇرىدۇ. 

    يەر قوشۇلما قىممەت بېجى جەھەتتە، ھەرقايسى جايلارنىڭ يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن چېكى بىر تۇتاش 0.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىدىغان ئالدىن ئېلىش نىسبىتىنى تەڭشىسە بولىدۇ. 

    بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە ئادەتتىكى تۇرالغۇدىن باشقا تۇرالغۇ ئۆلچىمى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نىمكەش ئۆي سودىسىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ باج سېلىقىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىدۇ. 

    قوشۇلما قىممەت بېجى جەھەتتە، شەھەرلەردە ئادەتتىكى تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەخسلەر ساتقان، سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان (ئىككى يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرالغۇلاردىن بىردەك قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ، ئەسلىدىكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېندىن ئىبارەت تۆت شەھەرگە قارىتىلغان شەخسلەر ساتقان، سېتىۋالغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان (ئىككى يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەتتىكى تۇرالغۇلاردىن باشقا تۇرالغۇلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسى مۇناسىپ ھالدا ئىجرا قىلىنىشتىن توختىتىلىدۇ. 

     ​يەر قوشۇلما قىممەت بېجى جەھەتتە، ئادەتتىكى تۇرالغۇ ۋە  ئادەتتىكى تۇرالغۇدىن باشقا تۇرالغۇ ئۆلچىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شەھەرلەردە، باج تاپشۇرغۇچىلار سالغان، ساتقان قوشۇلما قىممەت سوممىسى تۇتۇپ قېلىنغان تۈر سوممىسىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئادەتتىكى ئۆلچەملىك تۇرالغۇلارغا قارىتا، يەر قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. 

مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.