تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت ئىستېمال بېلىتى سىزنى ساقلاۋاتىدۇ! تاماشىبىنلار 18-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە بېلەتسىز كىرەلەيدۇ

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، 18-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلىدۇ) ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش» بۇ يىللىق قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەرمەنكىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بەس-بەستە كۈچ چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلىق تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىگە تاماشىبىنلار بېلەتسىز كىرەلەيدۇ.

​18-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى ۋە 2024-يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى ئېلان سۈرىتى.

سۈرەتنى قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى ۋە قار-مۇز بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن 

    قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، تۇرپان شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش-ئۆگىنىش ساياھىتى، ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى، ئۆزگىچە ھاراقچىلىق قورۇقى ساياھىتى قاتارلىق ئېسىل قىشلىق ساياھەت لىنىيەسىدىن ئالتىنى ئېلان قىلىدۇ. قىشتىكى قۇياش نۇرى ساياھەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، «پويىزغا ئولتۇرۇپ تۇرپاننى ھەقسىز ساياھەت قىلىش» مىليون يۈەن ياردەم پۇلىنى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېلىش پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. خوتەن ۋىلايىتى تاماشىبىنلارغا ھەر بىرىنىڭ قىممىتى 100 يۈەن ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كارتىسى تارقىتىدۇ، كارتا ئارقىلىق خوتەن ۋىلايىتىدىكى مەنزىرە رايونى، كىنوخانا، مەدەنىيەت ئىجادىيەت دۇكىنى، تەنھەرىكەت مەيدان-سارىيى قاتارلىقلاردا ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. 

    شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى «99 يۈەننى 200 يۈەنگە تەڭلەشتۈرۈش» ئېتىبار كارتىسىنى يولغا قويىدۇ، بۇنى شىنجاڭ ئىچىدىكى «قاناس + سايرام كۆلى» ئىككى كۆل ساياھىتى، «ئالتاي + قۇمقاناس» چوڭقۇر ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە خەينەن، گۇيجوۋ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەرنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تايلاند، ياپونىيە چەت ئەل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتسە بولىدۇ. شىنجاڭ لوۋلەن جىنوۋ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى «100 يۈەننى 200 يۈەنگە تەڭلەشتۈرۈش» ئېتىبار كارتىسىنى يولغا قويىدۇ، بۇنى تىيانشان بۇغدا كۆلى، سايرام كۆلى، نارات، مايتاغ چوڭ جىلغىسى، قاناس، قۇمقاناس، دۇنيا موگۇيچېڭ قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشلەتسە بولىدۇ. جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «99 يۈەننى 200 يۈئەنگە تەڭلەشتۈرۈش» ئېتىبار كارتىسىنى يولغا قويىدۇ، بۇنى شىركەت يولغا قويغان «جەنۇبىي شىنجاڭ + شىمالىي شىنجاڭ» قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى توپلىمىغا ئىشلىتىلىشكە بولىدۇ،  ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قاناس، قۇمقاناس، بەيشا كۆلى، مۇجى يانار تېغى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

   قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدە، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. قومۇل سۇڭشۇتاڭ قار تېيىلىش مەيدانى 100 دانە قار تېيىلىش بېلىتىنى ھەقسىز تارقىتىدۇ. ئۈرۈمچى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى نەق مەيداندا ئىككى ئۆلچەملىك كودنى ساۋما قىلىپ ئىختىيارىي تاللاش مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كىچىك سوۋغىتى پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. يىپەك يولى تاغلىق ئارامگاھى نەق مەيداندا چەك تارتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، چەك تارتىش قاتارلىق ھالقىلارنى تەسىس قىلىپ، قاتناشقۇچىلارنى قار پەسلى ئېتىبار بېلىتى، ئېتىبار كارتىسى، قار تېيىلىشنى ھېس قىلىش بېلىتى، تۈر ھېس قىلىش بېلىتىنىڭ ھەر بىرىدىن 100دىن تەمىنلەيدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.