تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى  ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 362 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىدە داۋاملىق تۈردە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە داۋاملىق يارىتىلىپ، 2023 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سەۋىيەدىن مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئېشىپ كەتكەن.

  ئالدىنقى 10 ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكىسپورت قىممىتى 308 مىليارد 290 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.9 ئاشقان. ئىمپورت قىممىتى 54 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان. شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، ھەم قۇرۇلما خاراكتېرلىك يارقىن نۇقتىلار ئاز ئەمەس. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا جەنۇبىي ـ شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى تېخىمۇ تەكشى بولۇش، ئۈچ چوڭ تىجارەت سۇبيېكتى (پۇقراۋى، دۆلەت ئىلكىدىكى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى) بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلاش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى كېڭەيتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىش، ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ كۈچ قوشۇش ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك بولۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئامىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك ئېشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بارلىققا كەلگەن.

  11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تاموژنا خادىملىرى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن چىقىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنى تەكشۈرمەكتە. جېڭ خاۋ فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.