تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

25 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىغا قويۇپ بېرىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې، ئىختىيارىي مۇخبىر نيۇ خۇڭجۈن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىپ سۇغىرىش، ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ھەرىكىتى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 106-تۇەن بۆلىكىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن كەلگەن 25 مىليون كۇب مېتىر كەلكۈن سۈيى كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش يولىنى بويلاپ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ 106-تۇەندىكى بۆلىكىگە قۇيۇلۇپ، ھەم يۇقىرى ئېقىندىكى ئامبار قالدۇقى كىرىزىسى ھەل قىلىندى، ھەم 130 مىڭ مو قۇملۇقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈككە «خاسىيەتلىك يامغۇر» يەتكۈزۈلدى.

  11-ئاينىڭ 5-كۈنى، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ 106-تۇەندىكى كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش ئېغىزىدا، سۇ يۈزىنىڭ كەڭلىكى 25 مېتىر كېلىدىغان كەلكۈن سۈيى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئۆركەشلەپ ئېقىپ، ئۇسساپ كەتكىنىگە ئۇزاق يىل بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە يەر ئاستى سۇ مەنبەسىنى نەملەشتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 106-تۇەن جۇڭگودىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق__قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتى، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، قۇتۇبى ناھىيەسىگە 80 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىكەن. جۇغراپىيەلىك ئورنى ئالاھىدە بولغاچقا، بۇ رايون تەدرىجىي ھالدا يۇقىرى ئېقىندىكى قۇتۇبى دەرياسى، ماناس دەرياسى، شىشا دەرياسى، يىڭخۇ كۆلى، چوڭ-كىچىك خەيزى سۇ ئامبىرى قاتارلىق نۇرغۇن دەريا، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن قويۇپ بېرىش يولىغا ئايلانغان. يۇقىرىقى دەريا، سۇ ئامبارلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن كەلكۈن سۈيى ئەڭ ئاخىرىدا كەلكۈن قويۇپ بېرىش يولى ئارقىلىق غەربىي شىمال يۆنىلىشىگە قاراپ ئېقىپ، بۇ تۇەندىن 10 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىغا قۇيۇلىدىكەن.

  قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ 106-تۇەندىكى بۆلىكىنىڭ يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر پەس، بۇ يەردە يىل بويى يۇلغۇن، سۆكسۆك، مۈشۈكباش تىكەن قاتارلىق 10 نەچچە خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئۆسىدۇ، كېرەكلىك سۇ تەركىبى ئاساسلىقى تەبىئىي قار-يامغۇردىن كېلىدۇ، قىسمەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپ ھاللاردا ئۇزاق مۇددەت سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن قۇرۇپ كېتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قۇتۇبى دەرياسىنىڭ بۇ قېتىمقى كۈز پەسىللىك كەلكۈن سۈيى قويۇپ بېرىشى يېقىنقى سەككىز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىقى بولۇپ، جەمئىي 25 مىليون كۇپ مېتىر كېلىدىكەن. 106-تۇەن كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلكۈن سۈيىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ، توختىماي چارلاشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن سۈيىنىڭ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  106-تۇەن دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئوتلاق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ ئەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم بىر ئايدىن ئارتۇق كەلكۈن سۈيىنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ھازىر دەريا قىنىغا 10 مېتىر كېلىدىغان جايدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلدى، بەزى جايلاردا موخ (چىڭتەي) ۋە موگۇ ئۆسۈپ چىقتى. 130 مىڭ مو يەردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلاندۇرۇش بىلەن بىللە، يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلاپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ ئىنتايىن قۇرغاق رايون ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ، كەلكۈن سۈيىنى ئۈنۈملۈك باشلاپ قۇملۇقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى سۇغىرىشتىن ئىبارەت بۇ تەدبىر قۇملۇقتىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگە يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى».

  «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.