تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئۈچتىن بەشكىچە يەرشارىۋى داڭلىق قار-مۇز ساياھىتى يۇقىرى سۈپەتلىك مەنزىلگاھى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ

  ​ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قار-مۇز ساياھىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ. نۇقتىلىق رايونلارنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، قار-مۇز باش تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئىستىراھەت رايونى قۇرۇپ چىقىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك قار تېيىلىش ساياھەت ئىستىراھەت رايونى بەرپا قىلىنىدۇ. بېيجىڭ، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئۈچتىن بەشكىچە يەرشارىۋى داڭلىق قار-مۇز ساياھىتى يۇقىرى سۈپەتلىك مەنزىلگاھلىرى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رايونلاردا قار-مۇز باش تېمىسىدىكى يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى نۇقتىلىق كەنت-بازارلىرىنى قۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ. ساياھەت كۆرسەتمە بەلگىسى، بەلگە تاختىسى ۋە ساياھەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. شادلىق قار-مۇز ساياھەت پەسلى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، قار-مۇز ساياھەتچىلىكىنى چېگرا ئىچى-سىرتىدا كېڭەيتىش كۈچەيتىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.