تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، لى چياڭ، دىڭ شۆشياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە، ھەربىي ئىشلار خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ جەسىتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

يولداش لياڭ گۇاڭليې كېسەل سەۋەبىدىن 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سائەت 2دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 84 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، لى چياڭ، دىڭ شۆشياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ يولداش لياڭ گۇاڭليېنى ئۇزىتىپ قويدى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.

11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش لياڭ گۇاڭليېغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات ئېسىلغان بولۇپ، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىدە يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا، لى چياڭ، دىڭ شۆشياڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش لياڭ گۇاڭليېنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.