2024 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىدە تۇنجى مەيدان ئويۇن قويۇلدى
كىشىلەر مۇزىكىلاردىن يىپەك يولىدا قايتقان سادانى ئاڭلىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى مۇزىكا زالىدا، جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى مىللەتلەر ئوركېستىرىنىڭ باش دىرىژورى شۈ جىجۈننىڭ دىرىژورلۇق تايىقىنى يەڭگىل ئوينىتىشىغا ئەگىشىپ، «چۈشىدە چاڭئەننى ئىزدەش» ناملىق مۇزىكا ئاستا - ئاستا ياڭرىدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاڭلىسا، بۇ خۇددى چاڭئەندىن يولغا چىققان كارۋانلار ياڭگۇەندىن چىقىپ يول بويى قۇملۇق، قارلىق تاغ، ئوتلاق، چۆللۈكلەردىن ئۆتكەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ... «مۇزىكا ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان يىپەك يولى» ناملىق مۇزىكا كېچىلىكى باشلىنىش بىلەن، بىر مەيدان مۇزىكا، شېئىر، سۈرەت سەپىرى باشلاندى.
بۇ مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىنى جۇڭگو مۇزىكا شۆيۈەنى، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئورۇنلىغان بولۇپ، ئورۇنلانغان 12 مۇزىكا ئىچىدە ھەم كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خەلق ناخشىلىرى، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر كومپوزىتورلار ئىجاد قىلغان يېڭى مۇزىكىلار بار. بۇ مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسىدە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا ئەسەرلىرى خام ماتېرىيال قىلىنغان بولۇپ، ئىجادىي ئۆزگەرتىلىپ، مۇزىكا كىرىشتۈرۈلۈپ، سىمفونىيە شەكلىدە ئورۇنلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، غېجەك، راۋاب، ساتار، تەمبۇر، داپ، باربىت، ئېرخۇ، نەي، سۇناي قاتارلىق مىللەتلەر چالغۇلىرى ئۇزۇن كاناي، باس ئىسكىرىپكا قاتارلىق غەرب چالغۇلىرى بىلەن مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان.
«شىڭشىڭشيا كۈيى» «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى» «كىروران بەدىئىي ئوبرازى»دىن «چۈشىدە قىزىل مىڭئۆيگە قايتىش» «كارىنكا»غىچە، يەنە تاماشىبىنلارغا تونۇشلۇق بولغان «ياخشى»غىچە... شۈ جىجۈننىڭ دىرىژورلۇقىدا، پۈتۈن مەيداندىكى سازەندىلەر زىچ ماسلىشىپ، مول ھېسسىياتىنى چالغۇلارغا سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان يىپەك يولى ساداسىنى ياڭرىتىپ، تاماشىبىنلار قەلبىدە يىپەك يولىغا بولغان تەسەۋۋۇر ۋە ئورتاق تونۇشنى قوزغاتتى.
«بەك ھاياجانلاندىم.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى سۈن ياسى 11 ياشلىق قىزىنى ئېلىپ ئويۇن كۆردى، «بالامغا مۇزىكىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇشنى ئويلىدىم».
شىنجاڭ سىفەن داشۆ گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى تاڭ لىشيا مۇنداق قارىدى: بۇ، يىپەك يولى مۇزىكىسىنىڭ كۆپ خىللىق ھالىتى ۋە كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ھەرتەرەپلىمە نامايان قىلىدىغان بىر مەيدان ئويۇن، «رەسىم، ھەيكەل قاتارلىق باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە سېلىشتۇرغاندا، مىڭ يىللىق يىپەك يولىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ مۇزىكا - ئۇسسۇللىرى بىر - بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، يۇغۇرۇلۇپ، يىپەك يولى مۇزىكا - ئۇسسۇللىرىنىڭ مېۋىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇنىڭ بەدىئىي جەلپكارلىقى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىدۇ».
شىنجاڭ سەنئەت ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي شياۋرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى 2024 - يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇن. مۇزىكا پەسلىدە «ئىناقلىق مېلودىيەسى، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان، دۆلىتىمىز مۇزىكانتلىرىدىن باشقا، يەنە ئەرمېنىيە، كولومبىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزىكانتلىرى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان، جەمئىي 19 مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 22 مەيدان ئويۇن قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىجادىيلىققا تولغان ئون مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەت كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان بولۇپ، 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.