تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ مەنزىرە رايونلىرىغا يوشۇرۇنغان باۋزاڭ مۇزىكا ئەترىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى

ئاسمان ۋە زېمىن سەھنە، مەنزىرە دېكىراتسىيە.

نارات مەنزىرە رايونىدىكى نارات مۇزىكا ئەترىتى، قۇم كەنتىدىكى ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتى، ئالتە شوئار كوچىسىدىكى ئىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى... شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا باۋزاڭ مۇزىكا ئەترەتلىرى جانلىنىپ كەتتى. ئۇلار شۇ جاينىڭ خاس مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى مۇزىكا ئۇسلۇبى ۋە زامانىۋى مۇزىكا شەكلىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇزىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنى ناخشا ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتتى.

بۇ يىل شىنجاڭ «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» ماركىسىنى يارىتىش پىلانىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، مۇزىكا بايرىمى، ناخشا كېچىلىكى، ساياھەت سەنئەت ئويۇنى ۋە چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىلەرنى يېتىلدۈردى. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان مەنزىرە رايونلىرىدىكى مۇزىكا ئەترەتلىرى بۇ پىلاندىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى.

مەنزىرە رايونلىرىدا قويۇلۇۋاتقان ئويۇنلار ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە

نۇرغۇن كىشىلەر ئىلگىرى تىياتىرخانا، قاۋاقخانا قاتارلىق سورۇنلاردا مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرەتتى، لېكىن شىنجاڭدىكى يېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلار ئارىسىدا ئويۇن قويۇۋاتقان مۇزىكا ئەترەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋەتتى. ھەرقايسى قىسقا سىن تور سۇپىلىرىدا، شىنجاڭنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىكى مۇزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ جەلپكار نۇقتا بولۇپ قالدى.

نارات مۇزىكا ئەترىتى ياز پەسلىدە ئاساسلىق ئويۇن قويىدىغان مەيدان نارات مەنزىرە رايونىدىكى دەريا جىلغىسى ئوتلىقىدا، ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ كۈندىلىك ئويۇن قويۇش مەيدانى قۇم كەنتىدىكى يۈز يىللىق كونا ئۆيدە، ئىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇن قويۇش مەيدانى غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسىدىكى ئاككوردىيون مۇزېيىدا بولۇپ، ياز پەسلىدە يەنە دائىم ئالتە شوئار كوچىسىدا ئوچۇقچىلىقتا ئويۇن قويىدۇ... كۆركەم ئويۇن قويۇش مەيدانلىرى مەنزىرە رايونىدىكى مۇزىكا ئەترەتلىرىگە نومۇر قوشىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئىجادىي مۇزىكىلار مەنزىرە رايونلىرىدىكى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ جېنى.

بىللە سۈرەتكە چۈشۈش، سىنغا ئېلىش، ئىمزا قويدۇرۇش، ساياھەتچىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان شەكىل ئارقىلىق مۇزىكا ئەترىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. «تاماشىبىنلار ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن، كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىشى بىزگە تولۇپ تاشقان كەيپىيات قىممىتى بېغىشلىدى». ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ئاساسلىق ناخشىچى ئادالبېك تابۇس مۇنداق دېدى: مۇزىكا ئەترىتىمىزنىڭ ئەزالىرىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچى بىلەن دوست بولۇپ قالدى. بېيجىڭلىق بىر ئايال ساياھەتچى قۇم كەنتىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، ھەر كۈنى مۇزىكا ئەترىتىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئاخىرىدا مۇزىكا ئەترىتىمىزنىڭ ئەزاسى ئېربوسېن قاخارمان بىلەن بىرلىكتە بىر ناخشا يېزىپ چىقتى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتىدە يەنە بىر موڭغۇل يېڭى ئەزا كۆپەيدى، ھازىر كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان بۇ مۇزىكا ئەترىتىدە قازاق مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، تاتار مىللىتى ۋە موڭغۇل مىللىتىدىن بولغان ئەزالار بار. كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى بەئەينى ئۇلارنىڭ ئىجادىي ناخشىسىنىڭ نامى − «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»قا ئوخشايدۇ.

گىتار دومبىرا بىلەن ئۇچراشقاندا

سېبېزغېنىڭ ئاجايىپ جاراڭلىق مۇزىكا ئاۋازىغا جور بولۇپ، سازەندىلەر ئۈزۈلدۈرمەي تەڭكەش قىلىپ تىترىتىپ چىقارغان ئاۋاز مەيداندىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى، سازەندىلەر گىتار، بېس ۋە دومبىرا قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈزۈلدۈرمەي چالدى، نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇنى ساياھەتچىلەرنى شۇ ھامان مەپتۇن قىلىۋالدى. «بىز چالغۇ، مۇزىكا ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى يۇغۇردۇق، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلار، مىللەتلەر مۇزىكىلىرىغا بولغان تونۇشىنى يېڭىلىدۇق» دېدى نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋەن خەيتاۋ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مۇزىكا ئەترىتى خەلق ئارىسىدا ئەسلىدە بار بولغان مۇزىكىلارنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، رەتلەپ، قەدىمىي چالغۇلار ئارقىلىق زامانىۋى مۇزىكا ئۇسلۇبىدىكى رىتىم تۇيغۇسىنى ئىپادىلىدى. ھازىر «ئۆيگە قايتىش» «چىن ئاشىق - مەشۇقلار» قاتارلىق 20گە يېقىن يۇغۇرما ئۇسلۇبتىكى ئەسلىي ئىجادىي نومۇر بار.

ئىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان مۇزىكا ھەۋەسكارىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇلتۇر مۇزىكا ئەترىتى يەنە ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىر 60تىن ئارتۇق ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى يەتتە ياش، ئەڭ چوڭى 67 ياش. جەمئىيەت ئەزالىرىمۇ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇنىغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە ساياھەتچىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرىدۇ. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دائىم ئۆزى ماھىر بولغان چالغۇ ۋە ئۇسسۇللارنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق كۆپ مىللەت مەدەنىيىتى يۇغۇرۇلغان ئىجادىي ناخشا - مۇزىكىلارنى كۆپچىلىككە يەتكۈزىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىدىكى بوغدا ئوغلى مۇزىكا ئەترىتى مۇزىكا ئارقىلىق پارتىيەنىڭ سىياسىتى، يۇرتىدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ھەمدە كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەرنى ھەربىر چارۋىچى ۋە ساياھەتچىگە يەتكۈزدى. «مۇزىكا ئەترىتىمىز تۇنجى قېتىم سەھنىگە چىققاندا قازاق مىللىتىنىڭ كىلاسسىك خەلق ناخشىسى <سۆيۈملۈك بىر تال ئەتىرگۈل>نى ئېيتتۇق، مەن ناخشا تېكىستىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزگەرتىپ، ھەم ئەسلىدىكى مىللەتلەر ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قالدىم، ھەم روشەن دەۋر تۈسى قوشتۇم.» دېدى ئەترەت باشلىقى ئېربول خالدىن. ئۇلار ئۆزگەرتكەن ناخشا تېكىستى چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن بولۇپ، ئاقىنلار ئېيتىشىشى ياكى مودا مۇزىكا شەكلىدە ئېيتىلىپ، ئاندىن ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئورۇنلانغان بولۇپ، ئويۇن تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

«شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى، ناخشا - ئۇسسۇل ناھايىتى ياخشى يادرولۇق جەلپكارلىققا ئىگە، مۇزىكا ئەترىتىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدىكى ئويۇنى ناھايىتى ئاسانلا ھېسسىياتنى ئويغىتىپ، كۆپچىلىكتە ئورتاق تونۇش پەيدا قىلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ياۋ تاۋ.

مۇزىكا ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقىنى تارقىتىش

بۇ يىل 7 - ئايدا، نەنجىڭلىق ساياھەتچى «شياۋ شيۇڭ» نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپ، مەنزىرە رايونىدا بىر نەچچە كۈن ئارتۇق تۇرۇپ قالدى. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نەنجىڭدا ئويۇن قويىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇ نۇرغۇن دوستلىرى بىلەن بىللە بېرىپ كۆردى ھەم كېلەر يىلى ناراتقا يەنە بېرىپ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈشنى پىلانلىدى.

«شىنجاڭنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئېلىپ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىمىز، تىرىشىپ دۇنياغا يۈزلىنىمىز.» بۇ يىل، نارات مۇزىكا ئەترىتى سەككىز قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى مۇزىكا بايرىمىغا، ئالتە قېتىم دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ۋەن خەيتاۋ تېخىمۇ كۆپ كىشىدە مۇزىكا سەۋەبلىك شىنجاڭغا ئىنتىلىش پەيدا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

نۆۋەتتە، نارات مۇزىكا ئەترىتىنىڭ پىلاستىنكىسى تەييارلانماقتا. ئىلى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيون مۇزىكا ئەترىتى رەسىملەر توپلىمى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئويۇن قويغاندا ئىشلەتكەن سۈرەتلەردىكى دېكراتسىيە چوقۇم گۈزەل شىنجاڭ مەنزىرىسى ئىدى؛ ئاتلىق مۇزىكا ئەترىتى قىش پەسلىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى... خەلق ئىچىدىكى بۇ باۋزاڭ مۇزىكا ئەترەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مول، رەڭدار مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى تارقاتماقتا.

ياۋ تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى ھەرقايسى جايلارنىڭ خەلق ئىچى ئويۇنلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلىشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ مىللەتنىڭ سەنئەت شەكلى ۋە ئويۇن قويۇش ئامىللىرىنى يۇغۇرۇپ، سەنئەت شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، «شىنجاڭ مۇزىكا - ساياھەت خەرىتىسى» «ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق خاس پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، سەنئەت ئويۇنلىرىنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.