ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى
يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەپ، شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ 2024 - يىللىق 2 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ خاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىدىكى ئارىلىق نەتىجىلىرى، نۇقتىلىق كۆللەرنى قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى قاراپ چىقىلدى ۋە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى ھەم مەسلىھەت پىكرى شەكىللەندۈردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنى چىڭ كۆزلىنىۋاتقان شارائىتتا، شىنجاڭ سۇچىلىقىنىڭ مۇھىم تىرەكلىك ۋە ئاساسىي كاپالەتلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۆزلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق خىزمىتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ئىلمىي، سىستېمىلىق پىلانلاش، سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ سۇچىلىقى يېپيېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئەڭ ياخشى ئالتۇن تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى «ئاقىللار ئامبىرى» ۋە ئىلىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەخسۇس تېمىدا مەسلىھەت بېرىش داۋامىدا تومۇر تۇتۇپ دىياگنوز قويۇپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى يىرىك پىلان تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن دېڭ مىڭجياڭ، چېن شياڭشېڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ يىغىنغا قاتناشتى.