تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل بىر قىسىم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، قوللاشنى نازارەتچىلىككە سىڭدۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل ئۈرۈمچىنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شۇ كۈنى، زۇمرەت ئوبۇل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىمالىي ئاۋىياتسىيە بىناسى، شىنجاڭ جىنشىكاڭ جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش - بېكىتىش كەسىپلەر باغچىسى، ئۈرۈمچى يوۋئەي دوختۇرخانىسى ھەم بىر قىسىم كارخانىلارغا بېرىپ، ئاۋىياتسىيە بىناسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دوختۇرخانا داۋالاش تىجارەت باشقۇرۇش ۋە داۋالاش سەۋىيەسى، كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، يۈرۈشلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يېتەكلەش، نازارەتچىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى شىخۇا كوچا باشقارمىسى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاۋتيې كوچا باشقارمىسى لۈگۇ مەھەللىسىدە، زۇمرەت ئوبۇل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۈرۈمچى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر كۆپچىلىكنىڭ مەركىزىي شەھەرنى ياخشى قۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھىم پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئۈرۈمچىنى ياخشى قۇرۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتىمىز بىلەن مەركىزىي شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمىز.

لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.