تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، جېمىنەي، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، قابا ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، پورت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش كېرەك.

«بايلىقنىڭ دەرىجىسى، زاپاس مىقدارى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى قانداق؟» ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئاشىلى مىسچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى، قابا خۇاتەي ئالتۇن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە كىرىپ سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ ھېسابات ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ھەرگىزمۇ يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ھادىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.

شىنجاڭ كاڭيۈەن بىيو - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سۈپەت ئارقىلىق كارخانا قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جىغان ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارنى پائال ئېچىپ، تىرىشىپ جىغاننى شىنجاڭنىڭ نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇشى، ئىش قىلالايدىغان بولۇشى، پۇل تاپالايدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جېمىنەي پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاشقى سودا ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرا بويى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. جېمىنەي يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سىناق رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلار ماكانلىشىش، ئۆزئارا سودا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت - ئېكسپورتى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەت گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېتەكچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كەسىپ ھالىتىنى توپلاش، مۇلازىمەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇ يەنە شىنجاڭ شىنپۇيۈەن ئىمپورت - ئېكسپورت سودا چەكلىك شىركىتىگە كەلگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، پورتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك.

ئالتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چارشات چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىدا، ئەركىن تۇنىياز ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرانى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، چېگرانى قوغداشتا مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، چېگرانى قوغداشتا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەركىن تۇنىياز يەنە ئېرتىش دەرياسىنىڭ قابا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بۆلىكىگە كېلىپ، نەق مەيداندا دەريا چارلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېقىنى راۋان، سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل، ئادەملىرى ئىناق بولغان گۈزەل دەريا، كۆللەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئالتاي ۋىلايىتى بايلىق ئاساسىنى ئېنىقلاپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىشنى تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. قار پەسلىدىكى تۈرلۈك ساياھەت پائالىيەتلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇلازىمەتنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ياخشى باھا ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، تاماملاش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. 2025 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالدىن پىلانلاپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.