تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى، بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ تەكلىپى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن ۋېيخۇا، ما جېڭ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن رىئودې ژانېيروغا يېتىپ باردى، بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ تەكلىپى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مەخسۇس ئايروپىلان رىئودې ژانېيرودىكى گاللىئون ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كانايچىلىرى كاناي چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ تۇردى.

شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىرازىلىيە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ئىلگىرى تۆت قېتىم بىرازىلىيەگە كېلىپ زىيارەتتە بولدۇم، بىرازىلىيەنىڭ يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، بۇ قايناق زېمىنغا يەنە بىر قېتىم قەدەم بېسىپ، تولىمۇ يېقىملىق ھېس قىلدىم. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھلار. شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئىككى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - بىرازىلىيە دېڭىز - ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، بىراق بىر - بىرىنى جەلپ قىلىپ، يىراقتىن بىر - بىرىگە ماسلىشىپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى كۆپ نۇقتىدىن گۈللەندى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يېڭى دەۋر ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقئارادا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى. ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تارىخىي تۈگۈندە تۇرۇۋاتقاندا، مەن زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى ئۆستۈرۈشنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىدە كېيىنكى «ئالتۇن 50 يىل»نىڭ ئېچىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنمۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە مۇھىم ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ چىڭچياۋمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم پېرۇدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ لىمادىن ئايرىلىدىغان چاغدا، پېرۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئادرىيانسون، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاستۇدىللو قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايدىن ئايروپورتقا كېتىۋاتقان يولدا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، خۇاچياۋ، خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، پېرۇدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو - پېرۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.