تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىككى كىشى 130 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى!

   11-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى ئاچقان 5-نۆۋەتلىك كېڭەش(نازارەتچىلىك)يىغىنى 8-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جاڭ داۋلى، دىڭ چاڭجياڭنىڭ يۇندى تۇرۇبا يولى ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزغانلىق ھەرىكىتى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك، دەپ بېكىتىلگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا جاڭ داۋلىغا «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامنى بىرلەشتۈرۈپ تولۇقلاپ بېرىش، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقىتىش؛ دىڭ چاڭجياڭغا «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىش، 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى تارقىتىش تەكلىپىنى سۇندى.

     8-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مىدۇڭ رايونى خېنەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گو جيەنشېنىڭ يەر ئاستى سۇ تۇرۇبا يولى توسۇلۇپ قالغان، ئۇ يۇندى قۇدۇقى تۇرۇبا يولى ئىچىگە كىرىپ راۋانلاشتۇرماقچى بولغاندا، ئويلىمىغان يەردىن قۇدۇق ئىچىدىكى پاتقاق گازىنىڭ تەسىرىدە ئايلىنىپ قالغان. قۇدۇق ئۈستىدە قاراپ تۇرغان گو جيەنشېنىڭ خوتۇنى ۋاڭ لۈيىڭ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋاقىرىغان ھەم 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلغان. سەنداۋبا ماي قاچىلاش پونكىتىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامانلىق قوغدىغۇچى جاڭ داۋلى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزغان، ئادەم قۇتقۇزۇش جەريانىدا جاڭ داۋلى زور مىقداردا پاتقان گازى سۈمۈرۈۋالغاچقا، ھۇشسىزلىنىپ قۇدۇق ئىچىدە ئايلىنىپ قالغان. كېيىن خېنەن كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ چاڭجياڭ قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈپ قۇتقۇزغان.

     ئاخىرىدا، 51 ياشلىق جاڭ داۋلى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغان. 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى جاڭ داۋلى بىلەن دىڭ چاڭجياڭنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش گۇۋاھنامىسى» چىقارغان.

     «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، بىز ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە بولغان قانۇن ياردىمىنى زورايتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.» يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى ما يەنجاۋ شۇنداق دېدى.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى سۇن جىيى مۇنداق دېدى: فوند جەمئىيىتىمىز باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزلىك تەقدىرلەش ۋە ھال سوراش پائاليىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىنى قوغداشقا قاتناشقان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش-مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەسپىي جەمئىيەت پىدائىيلار قوشۇنىغا يار-يۆلەك بولۇشنى زورايتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش خىزمىتىنى پائال قوللىغان كارخانا ۋە شەخسلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىكى قەھرىمانلىق-نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى تەشۋىقاتىنى زورايتىپ، مۇقىم خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، شەھەر دەرىجىسى قاتلىمىدىن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش بويىچە نىزام تۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.