تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى رېكورت بارلىققا كەلدى! دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش يىللىق كەسىپ مىقدارى تۇنجى قېتىم 150 مىليارد پارچىدىن ئاشتى

   11-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسى پوچتا كەسپى بىخەتەرلىك مەركىزى جۇڭگو تېز يەتكۈزۈش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا، بىر قاتار ئۇزۇن سانلار توختىماي ئايلىنىۋاتاتتى. سائەت 16دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆرۈنۈش چاقناپ، «150000000000» دېگەن سان ئېكراندا كۆرۈندى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى گەنسۇنىڭ تيەنشۇيدە جىتۇ تېز يەتكۈزۈش خادىمى قوبۇل قىلغان، چۇڭچىڭغا ئەۋەتىلىدىغان بىر يەشىك خۇا نيۇ ئالمىسى بۇ يىلقى 150 مىلياردىنچى تېز يوللانما قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش يىللىق كەسىپ مىقدارى تۇنجى قېتىم 150 مىلياردتىن ئېشىپ، تارىخىي رېكورت يېڭىلاندى.

   150 مىليارد تېز يوللانمىنىڭ كەينىدە تېخىمۇ گۈللەنگەن، جانلىق تېز يەتكۈزۈش بازىرى بار. 

   يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېز يوللانما 100دىن ئاشتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېكۇنتىغا 5400دىن ئارتۇق تېز يوللانما شەكىللەندى، ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك كەسىپ مىقدارى 729 مىليوندىن ھالقىدى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كەسىپ مىقدارى 13 مىليارد پارچىدىن ئاشتى، ئايلىق ئوتتۇرىچە كەسىپ كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى ... بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇلدى. ھەر بىر تېز يوللانما خۇددى تارام-تارام ئېقىن كەبى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

   150 مىليارد تېز يوللانمىنىڭ كەينىدە تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان رايون تەرەققىيات قۇرۇلمىسى بار. 

   بۇ يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ تېز يەتكۈزۈش نىسبىتى سىجىل ئېشىپ، كەسىپ مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى. شىنجاڭ سانجىدىكى قارا گازىر ئۇرۇقىدىن شىزاڭ لىنجىدىكى قوتاز گۆشىگىچە، چىڭخەي خەيشىدىكى قىزىل ئالقاتتىن گەنسۇ لەنجوۋدىكى يۇمشاق نەشپۈتكىچە، يەنە شەنشى جۇجىدىكى مىخوۋتاۋغىچە ... ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇ خاس مەھسۇلاتلىرى تېز يەتكۈزۈش تورىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى. ھەر بىر پوسۇلكا شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالنى كېسىپ ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارنى بارلىققا كەلتۈردى.

   150 مىليارد تېز يوللانما ماكرولۇق پايدىلىق سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلدى. 

   بۇ يىلدىن بۇيان، كۆپ تارماق، كۆپ رايون ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى قوللاش سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىستېمال مەنزىرىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تۆۋەنگە يۈزلەنگەن بازارنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شوپۇرسىز ئاپتوموبىل، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرىش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ئۈسكۈنىلەرنى پائال ئورۇنلاشتۇردى، كەسىپلەرنىڭ توشۇش، يۆتكەش ئىقتىدارى كۈنسېرى كۈچەيدى، تور سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتى، مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆستى.

   «تېز يەتكۈزۈش بازىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ توردا ئىستېمال قىلىش ئېھتىياجىنى كېڭەيتىشتە پائال رول ئويناپ، شۇ جايدىكى ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.» دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تەھلىل قىلدى: ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار تېز يەتكۈزۈش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۆپ جايلاردا بۆلۈپ تارقىتىش مەركەزلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، غول لىنىيە تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش تورىنىڭ يۆتكەپ توشۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرى پائال قول تۇتۇشۇپ، سودىگەرلەرنىڭ چەت، يىراق رايونلاردىكى زاكاز ئەشيا ئوبوروتىنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.